خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا ئاققۇنلارنى تەكلىپ قىلىدىغان يېڭى ھەرىكەت باشلىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش پىلانى بويىچە، شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش، تەبىئىي بايلىقلارنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ئۈچۈن، ئاتالمىش «كەسپىي خادىملارنى تەكلىپ قىلىش»،  «ئىختىساسلىق دوكتور تەكلىپ قىلىش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 1000 دوكتور تەكلىپ قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 16-يانۋار ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ 1000 ئىختىساسلىق دوكتور كىرگۈزۈش پىلانى» شېنجېندا باشلانغان بولۇپ، تۇنجى قاراردا 1000 دىن كەم بولمىغان دوكتور قوبۇل قىلىنىدىكەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ پىلاننى شېنجېن شەھىرىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى»، ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شېنجېن شەھەرلىك ئىختىساسلىقلار گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە يولغا قويغان. باشلىنىش يىغىنى نەق مەيدانىغا شېنجېن ئۇنىۋېرسىتېتى، نەنفاڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، خوڭكوڭ خىتاي تىلى ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى شېنجېن خەلقئارا ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شېنجېن تەتقىقاتچىلار ئىنستىتۇتى قاتارلىق خىتاي ئىچىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ۋە 100 گە يېقىن دوكتور قاتناشقان.

بۇ قېتىمقى قوبۇل قىلىشتا خىتاينىڭ دىققىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نېفىت-تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق يادرولۇق كەسىپلەر توپىغا مەركەزلەشكەن.

خىتاي 2023-يىلىنىڭ بېشىدا مەزكۇر ھەرىكىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرغان بولۇپ، 2024-يىلىنىڭ بېشىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەخسۇس خىزمەت ئۆمىكى تەشكىللىنىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلگەنىدى. مەزكۇر ئۆمەكلەر ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى خىتايلارنى «ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش» نامىدا شەرقىي تۈركىستانغا يەرلىشىشكە تەشۋىق قىلغانىدى.

يېقىنقى يىللاردا خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلارنى «ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىپ، ئارقىدىن ھەر خىل ناملار بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، سۈرگۈن قىلىش، قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى تولۇق يۇتۇۋېلىش، پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئالاھىدە يۇقىرى تەمىناتلار، تۈرلۈك ناملار بىلەن خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىش ھەرىكىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە داۋاملىق كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3119 قېتىم كۆرۈلدى
20/01/2025 14:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق