ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى ھۆكۈمى چىقىرىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ سۆز ئەركىنلىكىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. بۇنىڭ بىلەن 19-يانۋاردىن باشلاپ پۈتۈن ئامېرىكىدا خىتاينىڭ قىسقا سىن ھەمبەھرىلەش ئەپ دېتالى TikTok چەكلىنىدىغان بولغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى 17-يانۋار خىتاينىڭ قىسقا سىن ھەمبەھرىلەش سۇپىسى TikTok مەسىلىسى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىپ، فېدېراتىپ سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەسلىدىكى ھۆكۈمىنى ساقلاپ قالغان. ھۆكۈمگە ئاساسەن، ئەگەر TikTok نىڭ ئانا شىركىتى ByteDance ئامېرىكىدىكى مۇلازىمىتىنى بىرەر ئامېرىكا شىركىتىگە سېتىپ بەرمىگەن تەقدىردە، 19-يانۋاردىن باشلاپ پۈتۈن ئامېرىكىدا TikTok ئەپ دېتالىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى قارار قىلىنغان.
ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ توققۇز باش سوتچىسى بىردەك TikTok بىلەن خىتاي رېجىمى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان دۆلەت بىخەتەرلىك خەۋپىنىڭ TikTok سۇپىسىغا چېتىشلىق 170 مىليون ئىشلەتكۈچىنىڭ سۆز ئەركىنلىك ھوقۇقىغا بولغان تەسىرىدىن چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دېيىشىچە، 19-يانۋاردىن باشلاپ TikTok ئەپ دېتالىنىڭ ئامېرىكىدىكى مۇلازىمىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن. بۇ TikTok نىڭ يېڭى ئىشلەتكۈچىلەرنى قوشالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن، نۆۋەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر يەنىلا بۇ ئەپ دېتالىنى داۋاملىق ئىشلىتەلەيدىكەن. ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، TikTok ئاخىرىدا توختاپ قېلىشقا مەجبۇر بولىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ