تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا تاپشۇرۇش پىلانى يوق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە خەلقئارانىڭ بېسىمغا ئۇچراۋاتقان تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇش پىلانى يوق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ: «48 ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى ئېنىق ئەمەس، ئەمەلدارلار مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي ئاساسلارنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ» دېدى.

تايلاند ئۇلۇس تورىنىڭ 17-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، تايلاند مۇداپىئە مىنىستىرى پۇمتام ۋېچايچائى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇش پىلانى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئادالەت پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى كانناۋى سۇبسېئاڭ فېيسبۇك ھېسابىدا ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇش مەسىلىسىنىڭ جۈمە كۈنى دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە يازما ئۇچۇر تارقاتقان. مۇداپىئە مىنىستىرى پۇمتام يازمىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، كاناۋىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپتە بارلىقىنى قانداق بىلگەنلىكىنى سورىغان. ئەمما كاناۋى بۇ مەسىلىنى يېقىندا ب د ت نىڭ مۇساپىرلار ئىشلىرى ئالىي كومىسسارىنىڭ ئەندىشىسىنى ئىپادىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.

پۇمتام بۇ مەسىلە يىغىندا تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ھەر قانداق ھەرىكەتنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، تايلاند ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈن مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقارماسلىق ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي ئاساسلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەنلىكىنى، بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەندە مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئۈچۈن، بۇ مەسىلىنى تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارلارغا تاپشۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تايلاند مۇداپىئە مىنىستىرى پۇمتام نۆۋەتتە يەنە مۇئاۋىن باش مىنىستىر بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى تايلاندتىن ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى، ئەمما نۆۋەتتە تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى دەرھال قايتۇرۇش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن ۋە خىتايغا قايتۇرۇش پىلانلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، «ھەممىگە ئادالەت» مۇنبىرى ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش» ھەرىكىتىدە 10-يانۋار بىر بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇش پىلانىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغان. باياناتتا يەنە تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قارارىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى خەۋپكە ئۇچرىتىدىغانلىقى ۋە خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى ئۆلچەملىرىنى دەپسەندە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن.

«ھەممىگە ئادالەت» مۇنبىرىنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار باڭكوكتىكى تايلاند كۆچمەنلەر مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن يېقىندا خەۋەر تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، تايلاند دائىرىلىرى تۇتقۇنلارنى قايتۇرۇش مەقسىتىدە ئۇيغۇرنى جەدۋەل تولدۇرۇشقا مەجبۇرلىغان. دەسلەپتە ئىختىيارىي دەپ كۆرسىتىلگەن بۇ ھەرىكەت 8-يانۋار باشلانغان ۋە 9-يانۋار كۈچەيگەن بولۇپ، تۇتقۇنلار بۇ سەۋەبلىك ئاچلىق ئېلان قىلغان.

تايلاند ھۆكۈمىتى 2015-يىلى يۈزلىگەن ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغانىدى. شۇنىڭدىن بويان تايلاند ھۆكۈمىتى ئون يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ئۇيغۇر مۇساپىرلار توغرىسىدا ھەر قانداق كەسكىن قارار چىقىرىشتىن ئىككىلىنىدىغان بولغان.

نۆۋەتتە تايلاندتا 48 ئۇيغۇر خىتاينىڭ تۆھمىتى سەۋەبلىك تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى سەۋەبلىك، 2013-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىن قاچقان. ئۆز ۋاقتىدا تايلاند دائىرىلىرى تۇتقۇن قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 300 گە يېقىن بولۇپ، نۆۋەتتىكى 48 ئۇيغۇر ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. شۇندىن بۇيان تايلاند دائىرىلىرى بۇ ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ تۇرماقتا.

تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلار 12-يانۋار تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرمەكچى بولغانلىقى ھەققىدە قۇتقۇزۇش مۇراجىئەتنامىسى ئېلان قىلغانىدى. مۇراجىئەتنامە تارقالغان ھامان تۈركىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە... قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار، تەشكىلاتلار ھەرىكەت باشلىغان ۋە نامايىش تەشكىللىگەن بولۇپ، تايلاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 1749 قېتىم كۆرۈلدى
18/01/2025 15:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق