خىتاي نوپۇس كىرىزىسىغا قارشى مەجبۇرىي تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويدى

يېرىم ئەسىر رەھىمسىزلەرچە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئىجرا قىلغان خىتاي رېجىمى نۆۋەتتىكى نوپۇس كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، مەجبۇرىي تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويماقتا.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 17-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رېجىمى تېخىمۇ كۆپ ئاياللارنى تۇغۇتقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، تۇغۇت يېشىدىكى كىشىلەرگە ھەر خىل بېسىم ئىشلىتىشكە باشلىغان. خىتاي ۋىرۇسى ۋاباسى باشلانغاندىن بۇيان، خىتاي شەھەرلىرىنىڭ ھەممە كوچىلىرىدىكى ئاھالە كومىتېتلىرى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ پىدائىي خىزمەتچىلىرى نوپۇس كۆپەيتىش ئۈچۈن ئۆيمۇ ئۆي ئايلىنىپ يۈرگەن. ئۇلار قىزىل بەلگە تاقاپ، ئايال-قىزلارنىڭ شەخسىي ھوقۇقىغا دەخلى قىلىپ، ئۇلارنى ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەرلىك مەجبۇرىيىتى» دەپ ئاتالغان تۇغۇت مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا زورلىغان. بۇ خىل مەجبۇرىي تۇغدۇرۇش ھەرىكىتى كىشىلەرگە خىتاي ئىلگىرى مەجبۇرىي يولغا قويغان پىلانلىق تۇغۇت دەۋرىدىكى ئازابلىق تارىخنى ئەسلەتكەن. بەزى كىشىلەر دائىرىلەرنىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىشىغا چىدىماي، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا خىتاينىڭ مەجبۇرىي تۇغۇت قىلمىشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئۆزئارا جەڭ ھالىتىگە كىرگەن. شى جىنپىڭ دەۋرىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بىكار قىلىنغان بولۇپ، 2016-يىلى يېڭى تۇغۇتقا رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويغان. بۇ قەدەم خىتاينىڭ تۇغۇت سىياسىتىدە 180 گىرادۇس بۇرۇلۇش بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. 21-ئەسىردىكى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ جىددىي تۆۋەنلىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي رېجىمى ئىلگىرىكى يېرىم ئەسىرگە يېقىن داۋاملاشقان قاتتىق تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئائىلىلەرنىڭ تاللىشىغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان.

ئەمما يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ چىقارغان بۇيرۇقلىرى يېڭى بىر ئەۋلادنىڭ نارازىلىقىنى، ھەتتا غەزىپىنى قوزغىغان. بۇ ئەھۋال يەنە 21-ئەسىردىكى خىتايلار بىلەن 20- ئەسىردىكى خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى نوپۇس قېرىش كىرىزىسى خېلى بۇرۇنلا باشلانغان بولۇپ، نوپۇسنىڭ جىددىي ئازىيىشى ھالقىلىق ئىستراتېگىيە بەلگىلىگۈچىلەرنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان. نوپۇس مەسىلىسى خىتاينىڭ «كۈچلۈك دۆلەت» بولۇش، شى جىنپىڭ ۋەدە قىلغان ئاتالمىش «قايتا گۈللىنىش چۈشى»گە تەسىر قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1707 قېتىم كۆرۈلدى
18/01/2025 11:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق