ياۋروپادىكى بەش دۆلەت TikTok قاتارلىق خىتاي ئەپ دېتاللىرى ئۈستىدىن ئەرز سۇندى

ياۋروپادىكى بەش دۆلەت TikTok قاتارلىق خىتاينىڭ ئالتە ئەپ دېتالى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان بولۇپ، بۇ ئەپلەر شەخسىي مەلۇماتلارنى خىتايغا قانۇنسىز يوللاش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 17-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپادىكى بەش دۆلەتنىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى TikTok قاتارلىق خىتاينىڭ ئالتە ئەپ دېتالى ئۈستىدىن ئالتە تۈرلۈك ئەرز سۇنغان. بۇ ئەپلەر ياۋروپا ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىنى خىتايغا قانۇنسىز يوللاش قىلمىشى ھەققىدە ئەيىبلىگەن.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترىيەنىڭ ۋيېنا شەھىرىگە جايلاشقان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات Noyb نىڭ ئادۋوكاتى بىر باياناتىدا: «ياۋروپالىقلارنىڭ شەخسىي مەلۇماتلىرىنى خىتايغا يوللاش ئېنىقلا قانۇنسىزلىق. بۇ قىلمىش دەرھال توختىتىلىشى كېرەك» دېگەن.

بۇ قېتىمقى دەۋا بەزى شەخسلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولۇپ، مەزكۇر ئىشلەتكۈچىلەر Noyb ئارقىلىق ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەلۇمات قوغداش ئورگانلىرىغا ئەرز سۇنغان. دەۋا TikTok ۋە شياۋمى (گىرېتسىيە)، Shein (ئىتالىيە)، توردا سودا قىلىدىغان AliExpress (بېلگىيە) ۋە Temu (ئاۋسترىيە)، شۇنداقلا ئىجتىمائىي ئالاقە قورالى WeChat (گوللاندىيە) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئادۋوكات مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ھەمدە خىتاينى «پۇقرالارنى نازارەت قىلىدىغان مۇستەبىت دۆلەت» دەپ ئەيىبلىگەن.

ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات Noyb نىڭ بايان قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانۇنى ناھايىتى ئېنىق ئىكەن. يەنى سانلىق مەلۇماتلار پەقەت نىشان دۆلەت سانلىق مەلۇماتلارنىڭ قوغدىلىشىغا زىيان يەتكۈزمەسلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان شەرت ئاستىدا، ئاندىن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن سىرتقا يوللانسا بولىدىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىگە ئىگە ئىكەن.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئەپ دېتاللىرى پۈتۈن دۇنياغا تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، سانلىق مەلۇماتلارنى خىتايغا يەتكۈزۈش، جامائەت پىكرىگە تەسىر كۆرسىتىش، نازارەت قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىش قاتارلىق قىلمىشلىرى دىققەت نۇقتىسى بولماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1559 قېتىم كۆرۈلدى
18/01/2025 10:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق