خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 16-يانۋاردىكى خەۋىرىدە خىتاينىڭ 2024-يىللىق ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» تېررور سىياسىتى خۇلاسىلىنىپ ۋە مەدھىيە ئوقۇلۇپ، بەلگىلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى دەۋا قىلىنغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش» تېمىسىدا نەزەرىيەدىن لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسى، «بىزنىڭ بايرىمىمىز»، «مېنىڭ ئالتىيىم» قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى يولغا قويغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان بويىچە 4 مىليون 546 مىڭ 400 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ باشقا ئۆلكىلەر ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن «قول تۇتۇشۇپ قوشماقلاشقانلىقى» ۋە دوستلاشقانلىقى دەۋا قىلىنغان.
ئۇندىن باشقا، خىتاي رېجىمى يەنە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش داۋامىدا ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنىدىن 101نى، خىتاي بويىچە ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى تەربىيە بازىسى»دىن 14نى تەسىس قىلغان.
شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئېچىلغان يىغىندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى 2024-يىللىق خىزمەتلىرى خۇلاسىلىنىش بىلەن بىرگە، 2025-يىللىق ۋەزىپىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
خىتاينىڭ 2025-يىلىدىكى پىلانلىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان بولۇپ، جۈملىدىن يېڭى بىر يىلدا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى»نى ئاساسىي لىنىيە قىلىش، ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش»نى دائىملاشتۇرۇش، دىننى خىتايچىلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش، شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تېررور ئىبارىلىرى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
گەرچە خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىۋاتقان ۋە پۈتۈن دۇنياغا شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ نورماللاشقانلىقىدەك ساختا ۋەزىيەتنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، تۈرلۈك يىغىنلار ۋە باياناتلىرىدىكى ئىبارىلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىق قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ