ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش، جۈملىدىن كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايەتلىرى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ۋە بىر قىسىم ئېمبارگولىرىغا دۇچ كەلگەن خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياپ، جىنايەتلىرىنى پەردازلاۋاتقان بولۇپ، يېقىندا يەنە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۆمىكىنى شەرقىي تۈركىستاندا پىلانلىق زىيارەت قىلدۇرغان.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 14-يانۋار ئۈرۈمچىدە شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە كەلگەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۆمىكىنى كۈتۈۋالغان. مەزكۇر ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېلىپ، خىتايدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىكەن.
ما شىڭرۈي كۆرۈشۈشتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى بۇرمىلاپ: «خىتاي كومپارتىيەسى شىنجاڭدا جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولغان، ئىقتىساد گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغان، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشاپ خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى سىجىل مۇستەھكەملىدى» دەپ بىلجىرلىغان.
ما شىڭرۈي يەنە نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەت ئالدىدا ئاشكارا بولۇپ كۈنتەرتىپكە كەلگەن مەجبۇرىي ئەمگەك، سىستېمىلىق باستۇرۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ: «شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەۋجۇت ئەمەس» دەپ جار سالغان. خەۋەردە زىيارەتكە كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىنى ياقلىغان ھالدا، خىتاي سىياسىتىنى ماختىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ما شىڭرۈينىڭ بىلجىرلاشلىرىنىڭ ئەكسىچە تېررور سىياسىتى ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتايلارنى، خىتاي شىركەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆپلەپ ئورۇنلاشتۇرماقتا. ئۇيغۇرلار بولسا شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتايدىكى زاۋۇتلاردا ئەرزان، ھەقسىز ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا.
خىتاي يېقىنقى يىللار مابەينىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇش ئۈچۈن، غايەت زور خىراجەت ئاجرىتىپ، تۈرلۈك يالغان تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتمەكتە. جۈملىدىن خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن دۆلەت ۋە ئورگان خادىملىرىنى پىلانلىق ھالدا شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، دىنىي باستۇرۇش، جازا لاگېرىغا كەڭ كۆلەملىك قاماش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، سۈرگۈن قىلىش، تۇغۇت چەكلەش، ئۆسمۈرلەرنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇرلاش... قاتارلىق سانسىزلىغان ۋەھشىيانە جىنايەتلىرىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەت يەنە خىتاي بىلەن سودا مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى داۋاملىق ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا ئەللىرىگە توسالغۇسىز يوللىنىپ تۇرغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2022-يىلى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى رەسمىي ماقۇللاپ ئىجرا قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، كۆپلىگەن خىتاي شىركەتلىرى ۋە ئەمەلدارلار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇش سەۋەبلىك جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى. مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلار مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق، دەپ قارىلىپ، بىر تۈركۈم خىتاي شىركەتلىرىگە جازا يۈرگۈزۈلگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ