خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان ئىزچىل تۈردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدە مىقدارى 100 مىليارد كۇب مېتىرىغا يېتىدىغان تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالغان.
ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئەترىتى ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىنى چارلاپ تەكشۈرۈپ، زور مىقداردا تەبىئىي بايلىق زاپىسى بايقىغان.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ رايوندىكى تەبىئىي گازنىڭ گېئولوگىيەلىك بايلىق مىقدارى 100 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدىكەن. بۇ يەردە چوڭ تىپتىكى بىر نېفىتلىكنىڭ شەكىللىنىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن ئىكەن.
ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تەبىئىي بايلىق نازارىتى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئاشكارىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قېزىلما بايلىقلىرى مول، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، بايقالغان تۈرلۈك قېزىلما 153 خىل، ئېنىقلانغان بايلىق زاپىسى 103 خىل بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىق زاپىسى خىتاي بايلىقنىڭ %88 ى ۋە %63 ىنى ئىگىلەيدىكەن. 77 خىل قېزىلما بايلىقنىڭ ئېنىقلانغان بايلىق زاپىسى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدە تۇرىدىكەن. ئۆتكەن يىلى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون» مالىيەسى چىقارغان مەبلەغ بۇلتۇرقى 150 مىليون يۈەندىن 500 مىليون يۈەنگە كۆپەيتىلگەن.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالچىسى بولغان خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا نېفىتتىن باشقا ئالتۇن، پىلاتىنا، كۈمۈش، ئۇران ۋە كۆمۈر قاتارلىق نۇرغۇنلىغان يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى قىممەتلىك بايلىقلىرىنى قېزىپ، بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنى يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىش، ھەتتا پۈتۈنلەي قىرغىن قىلىپ تۈگىتىپ، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى تولۇق يۇتۇۋېلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ