ئامېرىكا باش ئەلچىسى: خىتاي دۇنيادىكى قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلغۇچىلار بىلەن ئىتتىپاقلاشتى

ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇش باش ئەلچىسى بېرنىس خىتاينىڭ نۆۋەتتە دۇنيادىكى قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلغۇچىلار بىلەن ئىتتىپاقلاشقانلىقىنى تەكىتلىدى.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 13-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكولاس بېرنس بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى رۇسىيەگە تەمىنلەشنى توختىتىشقا قايىل قىلىش ئۈچۈن ئاخىرقى تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بېرنىس بېيجىڭدىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىدا مۇخبىرنىڭ زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ، 400 گە يېقىن خىتاي شىركىتىنىڭ رۇسىيەگە ھەربىي ۋە پۇقرالار ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى تەمىنلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە رۇسىيەنىڭ بۇ ئۇرۇشتا ئىشلەتكەن مىكرو ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلىرىنىڭ 90 پىرسەنتىنى خىتاي تەمىنلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پىرېزىدېنت تىرامپنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىگە ئىككى ھەپتىدىن ئاز ۋاقىت قالغان بولۇپ، ئۆتكەن ھەپتە ۋە بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا خىتاينىڭ نۇرغۇن مىنىستىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر قاتار يىغىنلاردا، بېرنىس ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيە ھەمدە خىتاينىڭ ئىران ۋە شىمالىي كورىيە بىلەن ئىتتىپاقلىشىشىغا بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، سەيشەنبە كۈنى خىتايدىن ئايرىلغان.

بېرنسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، خىتاينىڭ رۇسىيە، ئىران ۋە شىمالىي كورېيەگە قاراتقان سىياسىتى بېيجىڭنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتى ۋە پارىژ ئىقلىم ئۆزگىرىشى كېلىشىمىگە ئوخشاش خەلقئارالىق تەشەببۇسلاردا يېتەكچى رول ئويناش ئارزۇسى بىلەن ماس كەلمەيدىكەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرى بۇزغۇنچى خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، ئۇلار خەلقئارالىق سىستېمىدىكى ئەڭ ئىشەنچسىز قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلار بىلەن ئىتتىپاقلاشقان. ئىراندىن كۆپ مىقداردا نېفىت سېتىۋالىدىغان خىتاي ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ئىشلىتىپ، ئىراننىڭ تېھران قوللايدىغان ھۇسى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قىزىل دېڭىزدىكى سودا پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 166 قېتىم كۆرۈلدى
15/01/2025 10:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق