خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت تايلاند تۈرمىسىدە 10 نەچچە يىلدىن بېرى يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنى توسۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، تۈركىيەدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى تاشقى مۇناسىۋەت بۆلۈمىنىڭ رەئىسى زەفەر سىياقايا بىلەن كۆرۈشتى.
ھەيئەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، بىرلىكنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىد ئەمىنھاجى، مۇئاۋىن باش كاتىپ ئىبراھىم سىدىقتىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ھەيئەت بۈگۈن بىر نەچچە كۈندىن بېرى كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش مەسىلىسىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىغا يەتكۈزۈش ھەمدە بۇ مەسىلىنى جىددىي ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى تاشقى مۇناسىۋەت رەئىسى زەفەر سىياقايا ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. زەفەر سىياقايا ھەيئەتنى پارتىيەنىڭ باش ئىشتابىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى.
ھەيئەت زىيارەت جەرياندا ئالدى بىلەن تايلاند ھۆكۈمىتى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنىڭ نۆۋەتتىكى خەتەرلىك ئەھۋالىنى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن كۈتۈۋاتقان ئۈمىدلىرى ۋە ئەندىشىلىرىنى يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ۋە ئالاقىدار مەسىلىلىرىنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىق ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ھەيئەت بۈگۈن يەنە تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە سابىق ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئىشلىرى مىنىستىرى دەريا يانىك خانىمنى زىيارەت قىلدى. ھەيئەت بۇ جەرياندا دەريا يانىك خانىمغا تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايەتلىرى ۋە تۈركىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرى گۇرۇپپىسى قۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
خىتاينىڭ تۆھمەتلىرى سەۋەبلىك تايلاندتا تۈرمىسىدە ئەزىيەت چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئۈزلۈكسىز كۈنتەرتىپتە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇلتۇر 8-نويابىر نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى ھەسەن ئىمام ئىسىملىك ئۇيغۇر ياشنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى، ئۇلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن چەت ئەلگە قېچىپ چىققانلىقى، بىر قىسمىنىڭ تۈركىيەگە كېلىشى، بىر قىسمىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى، نۆۋەتتە تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى قاتارلىق نۇقتىلارنى تەپسىلىي يورۇتۇپ بەرگەنىدى.
بۇ سەۋەبلىك خىتايغا قارشى خەلقئارالىق تەشكىلات - خەلقئارا پارلامېنتلار ئىتتىپاقى نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ مەزكۇر خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرگەن ئاساستا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئالىي كومىسسارى فىلىپپو گىراندىغا ئوچۇق خەت يېزىپ، تايلاند تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە قول تىقىشقا چاقىرىق قىلغانىدى.
ئوچۇق خەتتە تايلاند تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناچار شارائىتتا تۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئادۋوكاتلىرى بىلەن ئالاقىلىشالمايدىغانلىقى، ئىنسانىي ھوقۇقلىرى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ئەندىشە قوزغايدىغانلىقى، ئەگەر ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلۇپ قالسا، خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدىغانلىقى، شۇڭا ب د ت بۇ مەسىلىگە قول تىقىپ، يامان ئاقىۋەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەكلىكى قەيت قىلىنغانىدى. مەزكۇر خەتكە خەلقئارا پارلامېنتلار ئىتتىپاقىنىڭ 26 دۆلەتتىكى 50 كە يېقىن پارلامېنت ئەزاسى ئىمزا قويغانىدى.
ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ (HRW) ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2014-يىلىدىن باشلاپ تايلاندتا تەخمىنەن 350 ئۇيغۇر تۇتۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 172 ئايال ۋە بالا 2015-يىلى 7-ئايدا تۈركىيەگە يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 109 ئەر كىشى خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن خىتايغا قايتۇرۇلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. ھازىر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 50 كە يېقىن ئۇيغۇر ناچار تۈرمە شارائىتىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇلتۇر ئابدۇللاھ ئابدۇلئەزىز، مەتتوختى مەتقۇربان ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇرنىڭ تۈرمىدە قازا قىلغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ