بىر نەچچە كۈندىن بېرى تايلاند دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى خىتاي قايتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغان بولۇپ، تايلاندتا 10 يىلدىن تۇتۇپ تۇرۇلغان 48 ئۇيغۇر خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. بۇ خەۋەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئەندىشىگە سالدى.
تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن، خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلغان بولۇپ، مۇراجىئەتنامىدە:
«مەن تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنىڭ بىرى. 12 يىلدىن بېرى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىمىز. مانا ھازىر بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، تايلاند دائىرىلىرى بىزنى جىددىي ھالەتتە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەييارلىقىنى قىلىۋاتىدۇ. بۇلار تەييارلىق بىلەن بىزنى خىتاي ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. گەرچە بىزنىڭ ئەھۋالىمىز نۇرغۇنلىغان خەلقئارا خەۋەرلەردە ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق تايلاند ھۆكۈمىتى بىزنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش نىيىتىدىن يانمىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز 48 ئۇيغۇر ئەركىن دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن تايلاند كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى قىلىش ۋاسىتىسى بىلەن بىزنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىك، ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە تاپشۇرۇپ بېرىشنى جىددىي تەلەپ قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بىزنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرمەكچى بولغانلىقىنى ھەرقايسىڭلارمۇ بىلىسىلەر. بىزنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئالاقزادە بولۇپ ھەسرەت چەككەننىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق. بەلكى بۇ بىزنىڭ سىلەرگە قىلغان ئاخىرقى سۆزىمىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن» دېيىلگەن.
بۇ ھەقتە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 11-يانۋار خەۋەر ئېلان قىلغان بولۇپ، خەۋەردە تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ تايلاندتا ئون نەچچە يىلدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەيدانى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سېلىپلا قالماي، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى پائالىيەتچىلەر تايلاند ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرنى خىتايغا قايتۇرغاندىن كېيىن، خورلاش ۋە قىيىن-قىستاققا ئېلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۈرلۈك چاقىرىقلارنى قىلىشتى.
تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بۈگۈن ئەتىگەن ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق تايلاند كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.
بۇ جەرياندا تۈركىيە ھۆكۈمىتى، شۇنداقلا تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغاندىن تايلاندتىكى 48 ئۇيغۇرغا ئىگە بولۇش تەلەپ قىلىنىپ، ئەرەبچە، ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە، تۈركچە مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىندى. مۇراجىئەتنامىدە خىتايغا تاپشۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىش كېرەكلىكى، بولمىسا بۇ ئۇيغۇرلار خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغانلىقى، ئەڭ بولمىغاندىمۇ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن ئۇچۇرىمىزغا ئاساسلانغاندا، باڭكوكتا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئىسلامى تەشكىلاتلار تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ تۇرغان بولۇپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى دەرھال توختىتىش كېرەكلىكى ھەققىدە مۇراجىئەت قىلغان.
ئۇندىن باشقا، مۇسۇلمان پارلامېنت ئەزاسى كانناۋى سۇبسېئاڭ پارلامېنتتا تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىش پىكىرىگە قارشى چىققان ۋە ئۇلارنى قايتۇرماسلىق ھەققىدە ھۆكۈمەتكە چاقىرىق قىلغان. تايلاندتىكى مۇسۇلمان ئىنسان ھەقلىرى كومىسسارى دوكتور سۇچات ئەپەندىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تايلاند دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشىلىرى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن. بۇ يىل خىتاي بىلەن تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ئىكەن. تايلاندتا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىككى دۆلەتنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، خىتاينى خۇشال قىلىشنى ئويلاشقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق يەنە تايلاند ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نارازىلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا تاپشۇرالمايدىغانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا 13 يىلدىن بۇيان تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان 48 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقى ھەققىدە يېقىندا خەۋەرلەر تارقالغانلىقى، بۇ توغرىسىدا بىرلىكنىڭ تايلاند تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ ئالاقە قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقى، تايلاند ھۆكۈمەت تەرەپ بىلەنمۇ ئىزچىل كۆرۈشۈپ تۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا بىرلىكنىڭ يەنە بۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە، تۈركىيە، تايلاند ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئالاقىدار كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېگىشلىك قەدەم بېسىۋاتقانلىقى، جۈملىدىن ئەنقەرەگە بېرىپ تۈركىيەنىڭ تاشقى ئىشلارغا ئالاقىدار ئورگانلىرى، سىياسىي پارتىيەلەر، پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ۋە باشقا ئالاقىدار ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ