خىتاي ئىقتىسادى كاساتلىشىپ مەركىزىي بانكا زايوم سېتىۋېلىشنى توختاتتى

خىتاي ئىقتىسادى كاساتلاشقانلىقى سەۋەبلىك، خىتاي مەركىزى بانكىسى زايوم سېتىۋېلىشنى توختاتقان.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي مەركىزى بانكىسى جۈمە كۈنى زايوم سېتىۋېلىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كىرىزىس ئىچىدە ئىكەنلىكىنىڭ روشەن ئىپادىسى ئىكەن.

خىتاي مەركىزى بانكىسىنىڭ كۈتۈلمىگەن ھەرىكىتى يېقىنقى بىر مەزگىلدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پاي چېكى ۋە ئۆي-مۈلۈككە ئوخشاش خەتىرى يۇقىرى مال-مۈلۈكلەرنى سېتىۋېلىشتىن ساقلىنىپ، دۆلەت قەرز پۇلىنى سېتىۋېلىشقا يۈزلىنىش قىزغىنلىقىنى توسۇشنى مەقسەت قىلغان. بۇ ئۆزگىرىش خىتاينىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۆسۈم نىسبىتىنى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈپ قويغان.

زايوم سېتىۋېلىشنى توختىتىش قارارى ئالاھىدە بىنورمال ئەھۋال بولۇپ، يېقىندا دۇنيادىكى كۆپىنچە دۆلەتلەر تاۋار باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرگەن. خىتاي ئىقتىسادى توغرىسىدىكى ئەندىشىلەر دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك تۆۋەن باھا ئىقتىسادنىڭ توختاپ قالغانلىقىنىڭ ئالامىتى بولۇپ قالغان.

خىتايدا ئۆي باھاسى ۋە پاي چېكى بازىرىنىڭ كەسكىن تۆۋەنلىشى بىلەن ئاممىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچى يوقالغان. گەرچە ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەن بولسىمۇ، بىخەتەرلىك ئۈچۈن نۇرغۇن ئائىلىلەر زور مىقداردىكى پۇلنى خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى سودا بانكىلىرىغا ئامانەت قويغان بولۇپ، بانكىلار بۇ ئامانەتلەرنى كارخانىلارغا قەرز بېرىشتە قىينالغان. نۇرغۇن شىركەتلەر ئىقتىسادقا قارىتا پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ، قەرز ئېلىشنى خالىمىغان. بانكىلار توختىماي كۆپىيىۋاتقان ئامانەتلەر سەۋەبىدىن قىينىلىپ، مەبلەغنى قەرز پۇلىغا سېلىشقا باشلىغان. نەتىجىدە بۇ ئەھۋال دۆلەت قەرز پۇلىنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 381 قېتىم كۆرۈلدى
14/01/2025 15:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق