رىيادتا ئەرەب دۆلەتلىرى سۇرىيەنى قوللاش توغرىسىدا بىردەك تونۇشقا كەلدى

13-يانۋار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا مۇھىم دىپلوماتىك يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىن سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فايسال بىن فەرخاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يىغىننىڭ ئاساسلىق تېمىسى سۇرىيەنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىدىن كېيىنكى ۋەزىيىتى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى بولدى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يىغىنغا سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين، ئىيوردانىيە، سۇرىيە، ئىراق، ئوممان، قاتار، كۇۋەيت ۋە لىۋان قاتارلىق 11 دۆلەت رەھبىرى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئەرەب ئىتتىپاقى ۋە پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرىدىن باشقا تۈركىيە ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىمۇ قاتناشقان.

قاتار باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇراھمان ئالسانى، دوھا ھۆكۈمىتىنىڭ سۇرىيە خەلقىنىڭ بىرلىكىنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە سۇرىيە خەلقىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىنى ۋە زېمىنىنى قايتىدىن قۇرۇش جەريانىدا ئەمەلىي ھەمكارلىق قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئابدۇللاھ بىن زايىد ئەننەھيان يېڭى سۇرىيەنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىنى تېررورىزمدىن خالىي بولۇش، ھېچقانداق گۇرۇپپىنى چەتكە قاقماسلىق، مىللىي بىرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىق تۆت ئاساسلىق نۇقتىدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.

مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەدىر ئابدۇللاتى سۇرىيە خەلقىنىڭ قانۇنىي تەلەپلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە رايوندا مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسىي دىيالوگنى باشلاشنى تەشەببۇس قىلغان.

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فايسال بىن فەرخان سۈرىيەنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، سۇرىيەگە قارىتىلغان بىر تەرەپلىمىلىك خەلقئارالىق ئېمبارگولارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ۋە بۇ تەكلىپنىڭ سۇرىيە ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ يىغىن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ سۇرىيەنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئورتاق كۆز قارىشىنى ۋە ھەمكارلىق ئىرادىسىنى نامايان قىلغان بولۇپ، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەر ۋە پىلانلار سۇرىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم ئاساس سالىدىكەن.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان يىغىن جەريانىدا سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فايسال بىن فەرھان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى كاجا كاللاس بىلەن كۆرۈشكەن.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا ئەسكەرتىلىشىچە، فىدان يىغىن جەريانىدا يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سىياسىي ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋەكىلى جون باسننىمۇ قوبۇل قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 388 قېتىم كۆرۈلدى
14/01/2025 15:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق