بايدېن تىنچ ئوكياندىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن خىتاي ھەققىدە سۆھبەتلەشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ئاخىرقى قېتىملىق سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بايدېن فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى ئىشىبا شىگېرۇ بىلەن مۇھىم سىنلىق سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

ئاقساراي ئېلان قىلغان رەسمىي باياناتقا كۆرە، سۆھبەت جەريانىدا ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى دېڭىز بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقى، ئىقتىسادىي شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرى، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى خەتەرلىك ۋە قانۇنسىز ھەرىكەتلىرى، رايونلۇق تىنچلىق ۋە مۇقىملىق قاتارلىق ئۈچ تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە تەپسىلىي سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا «ئەركىن ۋە ئوچۇق» ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدە ئورتاق قارارغا كەلگەن.

بۇ سۆھبەت بايدېننىڭ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئالدىدىكى ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئەڭ ئاخىرقى يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بايدىن 2021-يىلى 20-يانۋاردا ۋەزىپىگە چىققان باشلاپ، ئۆزىنىڭ تۆت يىللىق پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 373 قېتىم كۆرۈلدى
14/01/2025 15:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق