ئىستانبۇلدىكى دوغان جۈجەلىئوغلى ئىلىم-پەن ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.
13-يانۋار كۈچۈكچەكمەجە دوغان جۈجەلىئوغلى ئىلىم-پەن ئوتتۇرا مەكتىپىدە مەخسۇس يىغىن تەشكىللىنىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى تونۇشتۇرۇلدى.
يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ۋە خىتاينىڭ كۈنسېرى غالجىرلاشقان تۈرلۈك باستۇرۇش جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇردى.
ئۇ ئالدى بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرىش تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغان بولۇپ، ئارقىدىن خىتاينىڭ ئىشغالىيەتتىن بۇيان ئىجرا قىلىۋاتقان ۋە يېقىنقى يىللاردا تېخىمۇ كۈچەيگەن دەپسەندىچىلىك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جىنايەتلەرنىڭ قانداق قۇربانىغا ئايلانغانلىقىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ