خىتاي ئەڭ كۈچلۈك ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش قوراللىرىنى لايىھەلەش يۇمشاق دېتالى «ياۋگۇاڭ» نى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «ياۋگۇاڭ» رادارىنىڭ لايىھەلەش نىشانى 12 مىنۇت ئىچىدە يېڭى تىپتىكى كۆپ دولقۇن بەلبېغىدىكى كونترول قىلىنىدىغان رادار ئانتېنناسىنىڭ ئانالىزىنى تاماملاش ئىكەن، ئەمما ئامېرىكىنىڭ Ansys HFSS سانائەت يۇمشاق دېتالىنىڭ ئوخشاش ۋەزىپىنى تاماملىشىغا ئۈچ سائەت كېتىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ ئاتالمىش«ياۋگۇاڭ» ئىشلەتكەن ئىچكى ساقلاش مەنبەسى ئامېرىكا يۇمشاق دېتالىنىڭ ئالتىدىن بىرىگە تەڭ كېلىدىكەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ يۇمشاق دېتال خىتاينىڭ بىر ئىستراتېگىيەلىك قورالى بولۇپ، ئوخشاش ھېسابلاش مەنبەسىنى ئىشلىتىش مەسىلىسىدە كېيىنكى ئەۋلاد ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش قوراللىرىنىڭ لايىھەسىنى نەزەرىيە جەھەتتىن ئامېرىكا ياكى باشقا خەلقئارالىق رىقابەتچىلەردىن 15 ھەسسە تېز تەستىقلىيالايدىكەن. تەتقىقاتچىلار ئاتالمىش «ياۋگۇاڭ» نىڭ چوڭ تىپتىكى ئېلېكتىرو -ماگنىتلىق ئاۋىياماتكىنىڭ ئېلېكتىرو-ماگنىتلىق تارقىلىش خاراكتېرىنى ئانالىز قىلالايدىغانلىقىنى، ئامېرىكا يۇمشاق دېتالى بىلەن سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى مەلۇمات بىلەن تەمىنلەپ، بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن كەتكەن ۋاقتىنى ئۈچتىن بىرگە قىسقارتالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
«ياۋگۇاڭ» نىڭ بىر نەچچە ئايلىق ھەقسىز ئېچىۋېتىلىشى خىتاي ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئىشلىتىلىشىنى كۆپەيتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بۇ ئىستراتېگىيە خىتاينىڭ تېخنىكا مۇستەقىللىقىنى كۈچەيتىپلا قالماي، يەنە نۆۋەتتە قىممەت غەرب مەھسۇلاتلىرى ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان دۇنياۋى سانائەت لايىھەلەش يۇمشاق دېتال بازىرىنى بۇزۇشى مۇمكىن ئىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، «ياۋگۇاڭ» خىتاي ئېلېكتىرونىك-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى لى بىن ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىنىڭ كۆپ يىللىق تەتقىقات-تەرەققىيات نەتىجىسى بولۇپ، ھازىرچە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش قوراللىرىنى لايىھەلەش يۇمشاق دېتالى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ يۇمشاق دېتال مۇرەككەپ ئېلېكتىرو-ماگنىتلىق مەيدان ھېسابلاشتا ئۈنۈم ياراتقان.
لى بىن ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسى 11-ئايدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، كۆپ خىل ھەربىي قوللىنىشقا ئىگە بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلىغان. ئۇلار يەنە «ياۋگۇاڭ» نىڭ چوڭ تىپتىكى ئېلېكتىرو-ماگنىتلىق كاتاپۇلتا ئاۋىياماتىكىسىنىڭ ئېلېكتىرو-ماگنىتلىق تارقىلىش خاراكتېرىنى ئانالىز قىلالايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ