ئىستىقلال تورى ۋە تېلېۋىزىيەسى 17 يىلدىن بۇيان خىتايغا قارشى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم ئىستىقلالدا يەنە بىر يېڭى سەھىپە ئېچىلدى.
ئىستىقلال نۆۋەتتە ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئىنگلىزچە، ئەرەبچە قاتارلىق تۆت تىلدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ۋەھشىي باستۇرۇش، ئېتىقاد ۋە بارلىق مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى كەمسىتىش ۋە چەكلەش، ئىسلام ئۆچمەنلىكى سىياسىتى يۈرگۈزۈش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش قاتارلىق بارلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى جانلىق پاش قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، تېخىمۇ مول مەزمۇنلارنى سۇنماقتا.
مانا بۇ قەدەمنىڭ يەنە بىر مەھسۇلى سۈپىتىدە، ئىستىقلال 2025-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئىسلام دۇنياسىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى يالغان تەشۋىقاتى، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىدىكى كۆز بويامچىلىقى بارغانچە كېڭىيىۋاتقان بىر پەيتتە، دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەتلەردىن بىرى بولغان ھىندونېزىيە خەلقىگە خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى تونۇتۇش ئۈچۈن ھىندونېزىيە تىلىدا تارقىتىشنى باشلىدى.
ھىندونېزىيە 285 مىليون نوپۇسقا ئىگە ئىسلام دۆلىتى بولۇپ، ئىسلام دۇنياسىدا نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئىستىقلال بۇ يىلدىن باشلاپ يۇتيۇپ، ئىنستىگرام، فېيسبۇك، X قاتارلىق سۇپىلاردا خەۋەر تارقىتىشتىن باشقا، قىسقا سىنلار ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جىنايەتلىرىنى ئېچىپ تاشلايدۇ.
شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئاخبارات ساھەسىدە ئىزچىللىق بىلەن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئورگىنىمىز «ئىستىقلال» 2008-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار ئىشەنچلىك مۇھىم خەۋەرلەرنى، ئانالىزلارنى، ھەرخىل سۆھبەت پىروگراممىلىرىنى سۆيۈملۈك خەلقىمىزگە سۇنۇپ كەلمەكتە. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاكادېمىكلار، تەشكىلات رەھبەرلىرى، پائالىيەتچىلەر ۋە جامائەت ئەربابلىرى سۆھبەت پىروگراممىلىرىمىزغا قاتنىشىپ، خەلقىمىزگە مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلماقتا.
نۆۋەتتە ئورگىنىمىز «شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى» نامى ئاستىدا ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئەرەبچە ۋە ئىنگلىزچە تۆت خىل تىلدا ئىستىقلال تور تېلېۋىزىيەسى، ئىستىقلال يازما خەۋەر تورى ۋە ھەرقايسى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى ئارقىلىق مۇلازىمەت قىلماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ