نىككېي ئاسىيا تورىنىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككى دۆلەت خىتاينىڭ دېڭىزدىكى كېڭەيمىچىلىكىگە بولغان ئەندىشىسى سەۋەبىدىن بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان.
تۇنجى قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىدا، ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى پرابوۋو سۇبىيانتو بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى ئىشىبا شىگېرۇ دۆلەت مۇداپىئە ھەمكارلىقى، ياردەم پروگراممىلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئورگانلىرى ھەم دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكلىرى ئوتتۇرىسىدا مۇنتىزىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككى تەرەپلىك يىغىنلار قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.
يىغىندا پرابوۋو ھىندونېزىيەنىڭ بارلىق دۆلەتلەر بىلەن تەڭپۇڭ مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئىستىكىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئىشىبا بولسا ياپونىيەنىڭ جەنۇبىي شەرقىي ئاسىياغا بولغان مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ياپونىيە خىتاينىڭ رايوندىكى تەسىرىنى تىزگىنلەش مەقسىتىدە ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە مالىيە ياردىمى قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ