ھىندىستاننىڭ تالىبان بىلەن يېقىنلىشىشى دىققەت قوزغىدى

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كاتىپى ۋىكرام مىسرى بىلەن ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەمىرخان مۇتتەقى چارشەنبە كۈنى دۇبەيدە كۆرۈشكەن بولۇپ، بۇ ئۇچرىشىش ھىندىستاننىڭ ئافغانىستاننىڭ يېڭى رەھبەرلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش قەدىمى دەپ قارالماقتا.

ھىندىستان ئۆتكەن يىلدىن بۇيان تالىبان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئاستا-ئاستا ياخشىلىماقتا بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش تۇنجى قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ھىندىستان ئۆتكەن 20 يىل ئىچىدە ئافغانىستانغا 3 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ياردەم ۋە قۇرۇلۇش مەبلىغى سالغان. ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىدا بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا رايون تەرەققىياتى، سودا ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، شۇنداقلا تەرەققىيات تۈرلىرىنى قايتا باشلاش ۋە ئافغانىستاندىكى سەھىيە ساھەسى قاتارلىقلار توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان.

بۇ ئۇچرىشىش پاكىستاننىڭ يېقىندا ئافغانىستانغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا كېيىنكى بىر ئايدا كەم دېگەندە 46 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ھىندىستاننىڭ ئەيىبلەش باياناتى ئېلان قىلىشىدىن بىر نەچچە كۈن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ ئۇچرىشىش يەنە ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا تالىباننىڭ بومبايدىكى ئافغانىستان كونسۇلخانىسىغا ئىلگىرى ھىندىستاندا ئوقۇغان، كېيىن تالىبان دىپلوماتى بولغان ئىكرامۇددىن كامىلنى ئەلچى قىلىپ تەيىنلىشىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇنىڭ بىلەن ھىندىستان رۇسىيە، خىتاي، تۈركىيە، ئىران ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق تالىباننىڭ ئافغانىستان ئەلچىخانىلىرىنى باشقۇرۇشىغا يول قويغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگەن.

ھىندىستان تەتقىقات ئورگىنى «كۆزەتكۈچىلەر فوندى» نىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى كەبىر تانېجا بۇ ھەقتە: «بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزگىرىش ئەمەس، بەلكى 2021-يىلدىن بۇيان ھىندىستاننىڭ كابۇلدىكى تالىبان رېئاللىقىغا قارىتا ئېھتىياتچان ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك يېقىنلىشىشىنىڭ تەبىئىي داۋامى» دېدى. ئۇ يەنە: «باشقا قوشنىلارغا ئوخشاش، ھىندىستان ئۈچۈنمۇ تالىبان بىر رېئاللىق. ئافغانىستان ۋە ئافغان خەلقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش مۇمكىن ئەمەس» دەپ قوشۇپ قويدى.

يېڭى دېھلىدىكى جىندال خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى راگاۋ شارما بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ بۇرۇنقى سىياسەتنىڭ داۋامى، بىز تالىبان بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇۋاتىمىز، ئەمما مۇناسىۋىتىمىزنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئېتىراپ قىلغۇمىز كەلمەيدۇ» دېدى.

ۋاشىنگتون ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتىغا كۆرە، قاتار، خىتاي ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تالىبان بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشتا يېتەكچىلىك رول ئوينىماقتا بولۇپ، پاكىستان تەسىر كۈچى جەھەتتە 5-ئورۇندا تۇرىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 720 قېتىم كۆرۈلدى
13/01/2025 20:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق