كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر» ب د ت پاناھلىق تىلگۈچىلەر ئىشخانىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلىنىپ كۆرسىتىشىچە، 2024-يىلى خىتايدىن پاناھلىق تىلىگۈچىلەر سانى 17 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سان بولۇپلا قالماي، يەنە خىتاي ۋىرۇسىدىن بۇرۇنقى 2019-يىلدىكىدىن %169 ئاشقان.
مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە «قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر» تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدە يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرغا كۆرە، يۇقىرىقى سانلاردىن باشقا، ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدە، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خىتايدىن ھەرخىل يوللار بىلەن قېچىش ۋەقەلىرىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاخىرىدا پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە ئايلانغان. ئەمما بۇ پاناھلانغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى خىتاي بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتتىكى ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن مەجبۇرىي ھالدا خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلگەن.
ب د ت پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ئىشخانىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلار ۋە تەشكىلاتنىڭ ئىلگىرى ئاشكارىلىغىنىدەك، بۇ «بىر خىل يۆنىلىش» نىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بۇ يۆنىلىش شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە چىققاندىن كېيىنلا باشلانغان.
بۇ تەشكىلات يەنە ب د ت پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ئىشخانىسىنىڭ 2022-، 2023- ۋە 2024-يىللىق ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلىرىغا (2024-يىللىق سانلار يېرىم يىللىق ساننىڭ مۆلچەرىگە ئاساسەن) كۆرە، بارغانسېرى كۆپ خىتاي پۇقرالىرى پاناھلىق تىلەش ئۈچۈن قاتتىق تەدبىر قوللانماقتىكەن.