ئامېرىكىدا TikTok نىڭ چەكلىنىشى تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى

خىتاينىڭ سىن ھەمبەھرىلەش سۇپىسى TikTok نىڭ ئامېرىكىدا چەكلىنىشىگە ئون كۈنمۇ قالمىغان بولۇپ، مەزكۇر خىتاي شىركىتى ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار چەكلەش قانۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى تەلەپ قىلماقتا.

سىدنېي ئەتىگەنلىك خەۋەرلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە، خىتاينىڭ سىن ھەمبەھرىلەش سۇپىسى TikTok نىڭ ئانا شىركىتى ھەققىدە قارار چىقارغان بولۇپ، قاراردا ByteDance شىركىتىدىن 19-يانۋارغىچە TikTok نىڭ ئامېرىكىدىكى ئىگىدارلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ ھەقتە ئۆزىنى ئاقلىغان خىتاي شىركىتى بۇ سۇپىنى تاقاشنىڭ ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىغا، پىكىر ئەركىنلىكىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان. مەزكۇر قانۇن دۆلەت بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولۇپ، پارلامېنت ئەزالىرى TikTok نىڭ خىتاي كوممۇنىست رېجىمى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ، جامائەت پىكىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى ياكى ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلىرىنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈش جەريانىنى تېزلىتىپ، مۇنازىرە ۋە تالاش-تارتىش ئۈچۈن مەخسۇس مۇزاكىرە يىغىنى ئورۇنلاشتۇرغان. «ئامېرىكىلىقلارنى رەقىب دۆلەتلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئەپ دېتاللىرىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغداش قانۇنى» دەپ ئاتالغان بۇ قانۇن TikTok نى چەكلەش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، داۋاملىق تىجارەت قىلىشقا يول قويغۇچىلارغا، تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە قاتتىق جازا بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.

TikTok نىڭ ئاقلىغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن قانۇن گۇرۇپپىسى بۇ قانۇننىڭ سۆز ئەركىنلىكىگە مىسلىسىز چەكلىمە قويۇشنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان. ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار بايانىدا بولسا بۇ قانۇننىڭ ئابۇنىتلارنىڭ مەزمۇنلىرىنى باشقۇرۇشنى ئەمەس، بەلكى چەت ئەلنىڭ تەسىرىنى كونترول قىلىشنى نىشان قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بەلگىلىمە TikTok نىڭ ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى نىشانىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ سۇپىنى چەكلەشنىڭ ئۇنىڭ تىجارىتى ۋە ئابۇنىتلارغا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان زىيانلارنى كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

نۆۋەتتە بىر قىسىم دۆلەتلەردە TikTok ئەپ دېتالى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن چەكلەنگەن بولۇپ، مەزكۇر سۇپىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پاش قىلىدىغان مەزمۇنلارنىڭ ئۆچۈرۈلۈشى، پائالىيەتچىلەرنىڭ ھېسابلىرىنىڭ تاقىۋېتىلىشى قاتارلىق قىلمىشلار كۈچلۈك نارازىلىق قوزغاپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 1461 قېتىم كۆرۈلدى
11/01/2025 18:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق