خىتايغا ئىشلىگەن ئۈچ گېرمانىيە پۇقراسى جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەندى

گېرمانىيە دائىرىلىرى ئۈچ نەپەر گېرمانىيە پۇقراسىنى گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تېخنىكىسىنى خىتايغا يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە تەپتىش مەھكىمىسى 9-يانۋار ئۈچ كىشىنى خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرىنى گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيەسىدە ئىشلىتىلىدىغان يول باشلاش تېخنىكىسى بىلەن يوشۇرۇن تەمىنلىگەن، دەپ ئەيىبلىگەن.

تەپتىش مەھكىمىسى جاۋابكارلارنىڭ تولۇق ئىسىملىرىنى ئېلان قىلمىغان بولۇپ، ئەيىبلىگۈچىلەر باياناتىدا توماس ئىسىملىك گۇماندارنىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمىغا ۋاكالەتچى بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر گۇماندار ھېلۋىڭ ۋە ئىنا ئىسىملىك ئەر-ئايال بىلەن ئالاقە ئورناتقان. بۇ ئەر-ئايال گېرمانىيەنىڭ غەربىگە جايلاشقان دۇسسېلدورف شەھىرىدە بىر شىركەت قۇرغان. بۇ ئۈچ كىشى تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن خىتاينى ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىشكە بولىدىغان يېڭى ئىجادىي تېخنىكا ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەر-ئايال ئىككىسى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، شىركەتنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ، باشقا سودا-سانائەت ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقە باغلىغان.

ئۇلار 2017-يىلى 2-ئايدىن 2024-يىلى 4-ئايغىچە خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيەسى ئىقتىدارىنى كېڭەيتىشىگە ئالاھىدە پايدىلىق بولغان ئۇچۇرلارنى قايتا-قايتا توپلىغان. ئۇلار توپلىغان ئۇچۇرلار پاراخوت ماتورى، سونار سىستېمىسى، ئايروپىلان مۇداپىئە سىستېمىسى، بىرونېۋىك ماتورى ۋە ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ گۇماندارلار توپلىغان ئۇچۇرلار توماس ئىسىملىك شەخس ئارقىلىق خىتاي ئىستىخبارات ئورۇنلىرىغا يەتكۈزۈلگەن.

گۇماندار ئەر-ئايال يەنە گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، بۇ خىل ۋاسىتە ئارقىلىق خىتايغا گېرمانىيەنىڭ ئەقلىي مۈلۈكلىرىنى تەمىنلىگەن.

تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۈچ كىشى يەنە گېرمانىيەدىن مەخسۇس ئۈچ لازېر نۇرى ئۈسكۈنىسى سېتىۋېلىپ، گېرمانىيە تەرەپ رۇخسەت قىلمىغان شارائىتتا خىتايغا ئېكسپورت قىلغان. تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈچ گۇماندار خىتايغا سېتىۋاتقان لازېر نۇرى ئۈسكۈنىسى ھەربىي ۋە پۇقراۋىي ساھەدە قوش يۆنىلىشلىك ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلات بولۇپ، بۇ بۇيۇملار دۆلەت تەرىپىدىن كونترول قىلىنىۋاتقانىكەن.

مەزكۇر ئۈچ گۇماندار بۇلتۇر 4-ئايدا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق 12-ئايدا رەسمىي ئەيىبلەنگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1762 قېتىم كۆرۈلدى
10/01/2025 16:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق