خىتاي شىركىتى Shein نىڭ ئادۋوكاتى ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا شىركەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان پاختىسى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بار-يوقلۇقىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان بولۇپ، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 7-يانۋار ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىرتىلغان Shein شىركىتىنىڭ ئادۋوكاتى مەزكۇر تور سۇپىسىدا سېتىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا بىلەن مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن قايتا-قايتا ئۆزىنى قاچۇرغان. بۇ ئەھۋال پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان. نۆۋەتتە پارلامېنت ئەزالىرى Shein شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى جەريانى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بار-يوقلىقىنى تەكشۈرمەكتىكەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تور سودىسى بازىرىغا سىڭىپ كىرىۋاتقان خىتاينىڭ Shein ۋە Temu شىركەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى 7-يانۋار ئەنگلىيە پارلامېنتى سودا-سانائەت كومىتېتى تەرىپىدىن ئەمگەك ھوقۇقىغا رىئايە قىلىش ۋە مەھسۇلات مەنبەسى ھەققىدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا چاقىرتىلغان.
Shein شىركىتىنىڭ لوندوندىكى قانۇنىي دىرېكتورى جۇ يىنەن يىغىن جەريانىدا شىركەت ساتقان مەھسۇلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ياكى خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىن كەلگەن پاختىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان-ئالمىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.
ئۇ يەنە شىركەتنىڭ ھەرىكەت مىزانىنىڭ تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن پاختا ئېلىشىنى چەكلەيدىغان-چەكلەنمەيدىغانلىقى ياكى شىركەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ئەندىشە قىلغان-قىلمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان. ئۇ جاۋابىدا: «مېنىڭچە گېئوپولىتىكىلىق مۇنازىرىگە ئىپادە بىلدۈرۈشۈم مۇۋاپىق ئەمەس» دەپ باھانە كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە: «بىز ئۆزىمىز ئىشلەۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا بويسۇنىمىز، بىز ئەنگلىيەنىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلىمىز» دېگەنلەرنى دەۋا قىلغان.
كومىتېت رەئىسى لىئام بېرن نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، جۇ يىنەن تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارنىڭ كەمچىللىكىدىن چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بايانلىرى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ Shein شىركىتىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە مەسىلە يوق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئىشەنچىنى نۆلگە تەڭ قىلغانلىقى تەكىتلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، Shein بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە لوندون ئاكسىيە بازىرىدا 50 مىليارد فوندستېرلىڭ قىممىتى بىلەن بازارغا سېلىنىشقا تەييارلىق قىلماقتىكەن. گەرچە Shein خىتايدا قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتىكى باش ئورگىنى سىنگاپوردا ئىكەن.
نۆۋەتتە خىتاينىڭ مەزكۇر ئىككى پارچە ساتقۇچى شىركىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مودا بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئاساسلىقى خىتايدا ئىشلەنگەن كىيىم-كېچەك ۋە مەھسۇلاتلارنى ئالاھىدە ئەرزان باھادا ساتقان. ئەمما ئۇلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت ئىكەنلىكى، خۇسۇسەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەر ۋە بايقۇت سادالىرى كۈچەيمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ