پاكىستان مائارىپ بەلگىلىمىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق، دىنىي مەكتەپلەرگە ئائىت بەلگىلىمىلەرنى بوشاتقان بولۇپ، بۇ ئەھۋال دىنىي مائارىپنى ياقتۇرمايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئاشقۇنلۇقنىڭ كۈچىيىپ كېتىش ئەندىشىسىنى قوزغىغان.
نىككى ئاسىيا تورىنىڭ 6-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پاكىستاندا مەدرىس دەپ ئاتالغان تەخمىنەن 30 مىڭ دىنىي مەكتەپ تەخمىنەن ئۈچ مىليون ئوقۇغۇچىنى باشلانغۇچ مائارىپى بىلەن تەمىنلەش رولىنى ئوينىغان بولۇپ، قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ئاممىۋى مەكتەپ سىستېمىسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدىكەن. دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار ھەقسىز تاماق، تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلىنىپ، ئىسلام دىنى مائارىپىدا تەربىيەلىنىدىكەن.
گەرچە بەزىلەر بۇ دىنىي مەكتەپلەرنى نامرات بالىلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارىسىمۇ، ئەمما دىنغا قارشى تەنقىدچىلەر بۇ مەكتەپلەرگە قارىتىلغان نازارەتنى بوشىتىش ئاشقۇنلۇقنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.
يېقىندا پاكىستان ھۆكۈمىتى مائارىپقا ئالاقىدار بەلگىلىمىنى ئۆزگەرتىپ، دىنىي مەكتەپلەرنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويغان. بۇ ئەھۋال تېررورلۇققا ئىشلىتىلىدىغان مەبلەغ مەسىلىسىدە پاكىستاننىڭ خەلقئارا تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بولۇپ قېلىشى ھەققىدە ئەندىشە پەيدا قىلغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، مائارىپ بەلگىلىمىسىنى ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى ئىسلام ئۆلىمالار جامائىتى پارتىيەسى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ ئۆزگىرىش پاكىستاننىڭ مالىيە ھەرىكىتى خىزمەت ئەترىتىنىڭ (FATF) كۆزىتىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشىگە سەۋەب بولۇپ، ئىقتىسادىغا ۋە چەت ئەل مەبلىغىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ