خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، خۇسۇسەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى خەلقئارادا كۈچلۈك ئەيىبلىنىۋاتقانلىقىغا قارىماي، ئالدىنقى بىر يىلدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى تۆمۈر يول ئارقىلىق ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە داۋاملىق توشۇلغان.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 9-يانۋاردىكى خەۋىرىدە 2024-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالاتاۋ ۋە قورغاس چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق قاتنىغان خىتاي − ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ 16 مىڭ 414 قېتىمغا يېتىپ، 2023-يىلىدىكىدىن %14 ئاشقانلىقى خەۋەر قىلىنغان ۋە كاتتا ئۇتۇق سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىنغان.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئالاتاۋ تۆمۈريول چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق قاتنايدىغان خىتاي − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى 123كە، قورغاس تۆمۈريول چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق قاتنايدىغان خىتاي − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى 85 كە يەتكەن. توشۇلغان ئاساسلىق مەھسۇلاتلار بولسا كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، ماشىنا-ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2024-يىلى ئالاتاۋ تۆمۈريول چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق قاتنىغان خىتاي − ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 7684 قېتىم بولۇپ، 2023 ـ يىلىدىكىدىن %15.8 ئاشقان؛ قورغاس تۆمۈريول چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق قاتنىغان خىتاي − ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 8730 قېتىم بولۇپ، 2023-يىلىدىكىدىن %12.5 ئاشقان. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئىككى سائەتتە بىر نۆۋەتچى پويىز قاتنىغان.
خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى خەلقئارانىڭ بېسىمى ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ جازا، چەكلىمىلىرىگە قارىماي، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ داۋاملىق ھەرقايسى دۆلەتلەرگە، ھەتتا ياۋروپا بازارلىرىغا ئېقىپ كىرىۋاتقانلىقى ھەققىدە دوكلاتلار ئېلان قىلىنماقتا. خىتاينىڭ TEMU, SHEIN قاتارلىق چەت ئەلگە يۈزلەنگەن تور سودا سۇپىلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا زور مەبلەغ بىلەن كېڭەيتىلىۋاتقان تۆمۈر يول، تاشيول ۋە ھاۋا لىنىيەلىرى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ چەت ئەلگە ئېقىشىغا ۋاسىتە بولماقتا.