خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى ئالتۇن كانى تالاش-تارتىش قوزغىدى

زىمبابۋې ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى 2021-يىلدىن باشلاپ دۆلەتنىڭ شەرقىدە ئالتۇن كانى تىجارىتى قىلىۋاتقان خىتاي كان شىركىتىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ، ئاھالىلەر بۇ كاننىڭ مۇھىتقا ۋە ساغلاملىققا كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىن ئەندىشە قىلماقتىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 8-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، زىمبابۋېدا كانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي-ئافرىقا خۇيجىن پاي كونترول شىركىتى مۇھىتقا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش ۋە جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. بۇ شىركەتنىڭ ئالتۇن ئىزدەش مەشغۇلاتى مانىكالاند ئۆلكىسىنىڭ مۇتاسا رايونىدا داۋام قىلغان.

كەنت ئاھالىلىرى ۋە مەھەللە گۇرۇپپىلىرى كاندىكى پارتلىتىشقا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، كان سەۋەبلىك رايوننىڭ ئېكولوگىيەسى، تاغ گەۋدىلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، ياۋايى ھايۋانلار كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. كەنت ئاھالىسى پارتلاشتىن كېلىپ چىققان تەۋرىنىشنىڭ رايوندىكى ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلمىسىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتقان. ئاھالىلەر يەنە خىتاي شىركىتىنىڭ كان قىدىرىشىدىن كېلىپ چىققان چاڭ-توزاننىڭ مۇھىتنى ۋە سۇ مەنبەسىنى بۇلغىشىدىن شىكايەت قىلغان.

بۇلاردىن سىرت، خىتاي-ئافرىقا خۇيجىن پاي كونترول شىركىتى كاننىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىگە ئاھالىلەرنىڭ ساختا ئىمزاسىنى ئىشلىتىش قىلمىشى خىتاي شىركىتىنىڭ بۇ رايوندىكى كان تىجارىتىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىگە گۇمان پەيدا قىلغان.

خىتاي شىركىتىگە قارشى سۇنۇلغان ئەرزلەر ھۆكۈمەتنىڭ 2024-يىلى ئىككى قېتىم ئالتۇن كانى تىجارىتىنى توختىتىشىغا سەۋەب بولغان، ئەمما يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە كان ئېچىش يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.

مانىكالاند ئۆلكىلىك بىرلەشمە قوماندانلىق خىزمەت گۇرۇپپىسى خۇيجىن شىركىتىنىڭ ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى ئالتۇن قېزىش مەشغۇلاتىنى ئىككى قېتىم ۋاقتىنچە توختىتىشقا بۇيرۇغان. ئالاقىدار مەسئۇللارنىڭ ئېيتىشىچە، كاننى مەجبۇرىي تاقاشتىكى مەقسەت كان شىركىتىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق تەلەپلىرىگە ماسلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىكەن.

بۇلتۇر ئۆكتەبىر ئېيىدا مەزكۇر شىركەتنىڭ تىجارىتى ئىككى ھەپتە توختىتىلغان بولۇپ، خۇيجىن شىركىتى ئەھۋالنى ياخشىلاشقا ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، تىجارىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنغان. خىزمەت گۇرۇپپىسى يەنە نويابىر ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كاننى ئىككىنچى قېتىم تاقاشقا بۇيرۇغان.

يىللاردىن بۇيان خىتاي تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن ئافرىقىدىكى كۆپلىگەن تەبىئىي بايلىق مەنبەلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىۋالغان بولۇپ، يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈشى كۈچلۈك نارازىلىق قوزغاپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 285 قېتىم كۆرۈلدى
09/01/2025 10:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق