فىلىپپىن دائىرىلىرى تور ئالدامچىلىق مەركىزىگە تۇيۇسىز ھۇجۇم قىلىپ، كۆپلىگەن خىتاي پۇقراسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 400 گە يېقىن چەت ئەللىكنى قولغا ئالغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىلىپپىن كۆچمەنلەر ئىدارىسى 8-يانۋار مانىلادىكى گۇمانلىق تور ئالدامچىلىق مەيدانىغا كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىپ، تەخمىنەن 400 چەت ئەللىكنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېيتقان. فىلىپپىن ساقچىلىرى بىر بىناغا بېسىپ كىرىپ، چەت ئەلدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى نىشان قىلغان تور ئالدامچىلىقى جىنايەت شايكىسىنى بايقىغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلقئارا جەمئىيەت ئاسىيادىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئالدامچىلىقلارغا دىققەت قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ يەردىكى ئىشچىلار كۆپىنچە ئەھۋالدا ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، ساختا شىفىرلىق پۇل سېتىش ياكى باشقا ئالدامچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇرلانغان.
فىلىپپىن كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى ئەڭ يېڭى تازىلاش ھەرىكىتىنى ئاشكارىلاپ: «ئۇلارنىڭ پائالىيىتى كۆچمەنلەر قانۇنىغا خىلاپ بولۇپ، ئاممىغا زور خەتەر يەتكۈزدى» دېگەن.
ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل ساختا تىجارەت ئورۇنلىرى تەشكىللىك جىنايەت شايكىلىرىنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى، پۇل يۇيۇش، تور ئالدامچىلىقى، تۇتقۇن قىلىش، ھەتتا قاتىللىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالدىنقى سېپى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن.
فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا فىلىپپىن تور ئويۇنى تىجارەتچىلىرىنى 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدا چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ