ئالدىنقى بىر يىلدا شەرقىي تۈركىستاندىن 90 مىليون توننا كۆمۈر تالان-تاراج قىلىنغان

خىتاي ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرلۈك بايلىقلىرىنى كەڭ كۆلەمدە توختاۋسىز بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقان بولۇپ، 2024-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ، تۆمۈريول ئارقىلىق خىتايغا توشۇلغان كۆمۈر مىقدارى 90 مىليون توننىدىن ئاشقان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 7-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2024-يىلى تۆمۈريول ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ سىرتقا توشۇش مىقدارى 90 مىليون 610 مىڭ توننىغا يەتكەن. بۇ تۇنجى قېتىم 90 مىليون توننىدىن ئېشىشى بولۇپ، 2023-يىلىدىكىدىن %50.2 كۆپەيگەن.

خەۋەردە 2024-يىلى خىتاينىڭ كۆمۈرگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئاشقانلىقى، ئىدارە ھالقىغان ئايلانما تىرانسپورت قاتناش لىنىيەسىدىن 21نى قۇرغانلىقى، يۈك پويىزىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش، 10 مىڭ توننىلىق پويىزنى كۆپەيتىش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، تىرانسپورت ئۈنۈمى ۋە يول ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەنلىكى، نەتىجىدە 2024-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى تۆمۈر يولىدا يەككە كۈندە 12 مىڭ ۋاگونغا يۈك قاچىلاش دائىملىق ھالەتكە ئايلانغانلىقى قەيت قىلىنغان.

2024-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تۆمۈريول تارماقلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈرىنى تالان-تاراج قىلىپ سىرتقا توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان 15 ماددىلىق تەدبىرنى تۈزۈپ يولغا قويغان ۋە ھەر كۈنى 134 قېتىم كۆمۈر پويىزى قاتنىغان بولۇپ، كۈنلۈك سىرتقا توشۇلغان كۆمۈر مىقدارى 290 مىڭ توننىدىن ئاشقان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كۆمۈر بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش مىقدارىنى تېخىمۇ زورايتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتكەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 29 كۆمۈر كاندا ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تاماملانغان. ئۇندىن باشقا كۆمۈر قېزىش سۈرئىتى تېزلىتىلگەنلىكى، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا 100 مىليون توننا دەرىجىلىك كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بازىسىدىن ئىككىسى قۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن تارتىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە ماس ھالدا، تۈرلۈك تەبىئىي بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىش جىنايىتىنى توختاۋسىز داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ جىنايەتلەر بىر تەرەپتىن خىتاينى زور ئىقتىسادىي مەنبە بىلەن تەمىنلىگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايدىكى ئېنېرگىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم چارىسى بولماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 483 قېتىم كۆرۈلدى
08/01/2025 13:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق