پاكىستاندا توك توختاپ قېلىش سەۋەبىدىن تاشيولغا يىغىلغان نامايىشچىلار پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ مۇھىم سودا يولىنى توسۇۋالغان.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گىلگىت بالتىستاننىڭ ئەلىئاباد رايونىدا يۈزلىگەن نامايىشچىلار توك توختاپ قېلىش سەۋەبىدىن نامايىش قىلىپ، پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى ئاساسلىق تاشيولنى توسۇۋالغان. نارازىلىق نامايىشنىڭ سەۋەبى قىشنىڭ قاتتىق سوغۇقىغا قارىماي، ئاھالىلەر رايونىدا 20 سائەتكە يېقىن توك توختاپ قالغان.
ھەپتە ئاخىرىدا باشلانغان نامايىش پاكىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى ئۇزۇن يول بېسىشقا مەجبۇرلىغان. ھۆكۈمەت بۇ ئەھۋالنى ھەل قىلىش ئۈچۈن نامايىشچىلار بىلەن سۆھبەت باشلىغان بولۇپ، نامايىشچىلارنىڭ يولنى قامال قىلىشى سەۋەبلىك، 700 دەك يۈك ماشىنىسى چېگرا ئېغىزىدا توختاپ قالغان. بۇ ئەھۋال رايوننىڭ مال بىلەن تەمىنلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ نامايىش شەرقىي تۈركىستان بىلەن پاكىستاننى تۇتاشتۇرىدىغان، سودا ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش دەۋا قىلىنغان خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى دائىرىسىدىكى بۆلەكتە يۈز بەرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ