ئامېرىكا سۇرىيەگە قارىتىلغان بەزى چەكلىمىلەرنى ۋاقتىنچە توختىتىپ، غەربنىڭ سۇرىيەگە قويغان جازالىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ھەققىدە ئۈمىد پەيدا قىلدى.
ئەلجەزىرە تورىنىڭ 7-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا سۇرىيەنىڭ ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىگە قارىتا بەزى چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىپ، ئېنېرگىيە سېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسمەن سودا ئىشلىرىغا رۇخسەت قىلغان. بۇ رۇخسەت ئەمەلىيەتتە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسەتنىڭ بەششار ئەسەد ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، كاساتلاش سۇرىيە ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى قوللاش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ئالتە ئايلىق ئادەتتىكى ئىجازەتنامە سۇرىيەنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى قوللاش بىلەن بىرگە، نۆۋەتتە ئىجرا قىلىنىۋاتقان جازانى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان.
بەششار ئەسەد ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، سۇرىيەنىڭ يېڭى سودا مىنىستىرى سۇرىيە ئىقتىسادىنىڭ قاتتىق جازا سەۋەبلىك ئېغىر خىرىسقا دۇچ كېلىپ قالغانلىقى توغرىسىدا خەلقئارا جەمئىيەتنى ئاگاھلاندۇرغان بولۇپ، ئۇ سۇرىيەنى قايتا قۇرۇش پۇرسىتى بار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا، خەلقئارالىق ئاۋىياتسىيە نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى سۇرىيەدە قاتناش باشلىغان بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئۆتكۈنچى باسقۇچتىكى مۇھىم قەدىمىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
سۇرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاساد ھەسەن ئەل شىبانى سەيشەنبە كۈنى بۇ ھەرىكەتنى جازانىڭ تولۇق بىكار قىلىنىشىنىڭ بىر قەدىمى قىلىشقا چاقىرغان ھەمدە جازالارنىڭ دۆلىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىكى ئاساسلىق توسالغۇ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ