خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ رەزىل پىلانىغا ماس ھالدا شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرلۈك قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئالاھىدە كۆپەيتكەن. بۇنىڭ جۈملىسىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىنى جەنۇبىغا تۇتاشتۇرىدىغان، تەڭرىتاغنى تېشىپ ئۆتكەن ۋە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تونېلى دەپ قارالغان «تەڭرىتاغ غالىبىيەت تونېلى» يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تونېلىدا ئالدىنقى ھەپتە قاتناش باشلانغان.
خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «تەڭرىتاغ غالىبىيەت تونېلى» پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ تونېل ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ «بوغۇز» قۇرۇلۇشى ئىكەن. 2020-يىل 4-ئايدا باشلانغان بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈشكە بەش يىلغا يېقىن ۋاقىت كەتكەن بولۇپ، بۇ جەرياندا تونېلنى قېزىش ئۈچۈن ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى ئىشلىگەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، «تەڭرىتاغ غالىبىيەت تونېلى»نىڭ ئۇزۇنلۇقى 22.13 كىلومېتىر بولۇپ، تونېلدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالىنى ئايرىپ تۇرىدىغان تەڭرىتاغ چوققىلىرىنى كېسىپ ئۆتۈشكە پەقەت 20 نەچچە مىنۇت ۋاقىت كېتىدىكەن. ئەسلىدە بۇنىڭغا ئۈچ سائەت ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، ئەسلىدىكىدىن ئىككى يېرىم سائەت ۋاقىت قىسقارغان.
گەرچە خىتاي ئىشغالىيەت باشلانغاندىن تارتىپ ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىشكە رىغبەتلەندۈرگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي ئاققۇنلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتنىشى ۋە باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خىتاي رېجىمىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقمىغان. خىتاي يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلىشىشكە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن، تۈرلۈك تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنى، ئايرودۇرۇملارنىڭ سانىنى داۋاملىق كۆپەيتكەن. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا 27 پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە A1 تۈردىكى ھەممىباب ئايرودۇرۇمدىن ئىككىسى بار ئىكەن. خىتاينىڭ پىلانىغا ئاساسەن، ئاتالمىش «14-بەش يىللىق پىلان»نىڭ ئاخىرىغىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمىنىڭ سانى 37 گە، A1 تۈردىكى ھەممىباب ئايرودۇرۇمنىڭ سانى 19 دىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلىدىكەن. خىتاي ئىشغالىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقارغان بۇ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننى «تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش» دەپ پەردازلاپ كەلمەكتە.
خىتاي يېقىنقى يىللار مابەينىدە مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە باشقا رايونلارغا سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتىپ، ئورنىغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە ۋە بۇ پىلانىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشىنى كېڭەيتمەكتە ۋە شۇنداقلا تۆمۈر يول ۋە تاشيوللارنى خىتايغا بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇپ، ئاققۇنلارنى كۆچۈرۈش ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش سالمىقىنى بارغانسېرى ئاشۇرماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ