شەرقىي تۈركىستاندا يىل بېشى ئېچىلغان يىغىندا بارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى قايتا تەكىتلەندى

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» 10-نۆۋەتلىك كومىتېتى 13-ئومۇمىي يىغىنى 5-يانۋار ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان بولۇپ، يىغىندا ئالدىنقى بىر يىلدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ تولۇق ئەمەلىيلەشكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بارلىق تۈرلىرى قايتا تەكىتلەنگەن.

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر يىغىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي رېجىمىنىڭ 2024-يىللىق خىزمەتلىرى خۇلاسىلەنگەن ۋە 2025-يىللىق ۋەزىپىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

خۇلاسىدە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، 2024-يىلىدا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ شەرقىي تۈركىستاننى كونترول قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرغانلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقى ساقلانغانلىقى دەۋا قىلىنىپ، كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش جىنايىتى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بولسا، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» ۋە مىللەت-دىن خىزمەتلىرىنىڭ ياخشى ئىشلەنگەنلىكىنى دەۋا قىلىش ئارقىلىق، ئاسسىمىلياتسىيە ۋە دىنىي باستۇرۇش جىنايەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

خۇلاسىدە يەنە شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار «تاشقى كۈرەش»نىڭ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولغانلىقى دەۋا قىلىنىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىجرا قىلغان زور كۆلەملىك ساختا تەشۋىقات ھەرىكىتى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. شۇنداقلا ئالدىنقى بىر يىلدا خىتاينىڭ ئېنېرگىيە، ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق ۋە ئاشلىق، پاختا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆسكەنلىكىنى دەۋا قىلىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرلۈك بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايەتلىرىنى تەقدىرلىگەن.

يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىتاينىڭ 2025-يىلىدىكى پىلانلىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان بولۇپ، جۈملىدىن يېڭى بىر يىلدا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى»نى ئاساسىي لىنىيە قىلىش، ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش»نى دائىملاشتۇرۇش، خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ خىزمىتى»دە ئېغىپ كەتمەسلىك، دىننى خىتايچىلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش، شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تېررور ئىبارىلىرى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

يىغىندا يەنە بۇ يىل ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش، بۇنىڭغا ياخشى تەييارلىق قىلىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

گەرچە خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىۋاتقان ۋە پۈتۈن دۇنياغا شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ نورماللاشقانلىقىدەك ساختا ۋەزىيەتنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، تۈرلۈك يىغىنلار ۋە باياناتلىرىدىكى ئىبارىلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىق قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 645 قېتىم كۆرۈلدى
07/01/2025 16:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق