بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى بېرمىنىڭ مۇستەقىللىق كۈنىدە تەخمىنەن 6000 مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلىش بىلەن بىرگە، تور دۇنياسىدىكى پىكىرلەرنى كونترول قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى 4-يانۋار مۇستەقىللىق كۈنىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، ھەر يىللىق كەچۈرۈم ئادىتىگە ئاساسەن، 6000 مەھبۇسنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بېرما ئارمىيەسى 2021-يىلى 2-ئايدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغاندىن بۇيان، مىڭلىغان نامايىشچىلار ۋە پائالىيەتچىلەرنى قولغا ئالغان بولۇپ، دۆلەت شۇنىڭدىن كېيىن قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قالغان. بۇ جەرياندا خىتاي ئىزچىل ھالدا بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنى قورال-ياراغ ۋە باشقا ياردەم بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن. ھەربىي ھۆكۈمەت تۈرمىسىگە قامالغانلار ئىچىدە سابىق رەھبەر ئاڭ سان سۇكى قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن. 79 ياشلىق ئاڭ سان سۇكى قۇتراتقۇلۇق قىلىش، سايلام ئالدامچىلىقى، چىرىكلىك قاتارلىق 14 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن 27 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئەمما ئۇنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاڭ سان سۇكى بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ كەلگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، 4-يانۋار بېرمىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسىدىن ھۆكۈمرانلىقىدىن مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 77 يىللىق خاتىرە كۈنى ئىكەن. ھەربىي ھۆكۈمەتنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىم قويۇپ بېرىلگەن مەھبۇسلارنىڭ سانى 5864 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 180 چەت ئەللىك بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ۋە ئەيىبلەشلىرى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولۇپ، ھەربىي ھۆكۈمەت بۇ كەچۈرۈمنىڭ «ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ھېسداشلىق»نى ئاساس قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ھەربىي ھۆكۈمەت يەنە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 144 مەھبۇسنىڭ جازا مۇددىتىنىڭ 15 يىلغا قىسقارتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
قويۇپ بېرىش شەرتىدە ئەگەر قويۇپ بېرىلگەن مەھبۇسلار قانۇنغا يەنە خىلاپلىق قىلسا، يېڭى جازادىن باشقا ئەسلىدىكى جازا مۇددىتىنىڭ قالغان قىسمىنى چوقۇم ئادا قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان.
ئادەتتە بېرمىدا بايراملارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن مىڭلىغان مەھبۇسلار قەرەللىك كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن. ئۆتكەن يىلى ھەربىي ھۆكۈمەت مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن 9000 دىن ئارتۇق مەھبۇسنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ