ئافغانىستان يەر ئاستى بايلىقى ئاساسىدا تەرەققىي قىلىشقا تىرىشماقتا

تالىبان ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، دىققىتىنى ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن يەر ئاستى بايلىقىغا، بولۇپمۇ گۆھەر ۋە قاش تېشى قېزىشقا قاراتقان.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 6-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئافغانىستاننىڭ پەنجشىر ئۆلكىسىدە ھەپتىلىك گۆھەر كىمئارتۇق سودىسى قىلىنغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ مول كان بايلىقىنى قېزىش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە يېڭىدىن قېزىۋېلىنغان قاشتېشىنى قايتا نامايەندە قىلغان.

تالىبان ھۆكۈمىتى 2021-يىلى 8-ئايدا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان، كاساتلاشقان ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن كۆپ قېتىم گۆھەر ۋە ھەر خىل قېزىلما بايلىقلارنى قېزىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي يولغا قويغان ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا ئاساسەن، مەبلەغ سېلىش ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەن. رۇسىيە ۋە ئىرانلىق مەبلەغ سالغۇچىلارمۇ كان ئېچىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىنكى بوشلۇقنى ئاساسى جەھەتتىن تولدۇرغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 509 قېتىم كۆرۈلدى
07/01/2025 16:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق