ئامېرىكا تور ھۇجۇمىغا چېتىشلىق خىتاي شىركىتىگە جازا يۈرگۈزدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ يوڭشىنجىچېڭ تېخنىكا گۇرۇھىنى يامان غەرەزلىك تور ھۇجۇمى قوزغىغان گۇرۇپپىلارنى قوللاش بىلەن ئەيىبلەپ، جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 3-يانۋار خىتاينىڭ يوڭشىنجىچېڭ تېخنىكا گۇرۇھىغا قارىتىلغان يېڭى تور بىخەتەرلىك جازاسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مەزكۇر شىركەتنىڭ ئامېرىكىلىقلارنىڭ كومپيۇتېرغا كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلىپ كىرىش ھەرىكىتىگە چېتىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى مەزكۇر خىتاي شىركىتىگە يۈرگۈزۈلگەن جازا ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ: «بۇ شىركەت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چوڭ ھۆددىگەر شىركىتى بولۇپ، خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى بار» دېگەن. ئىلگىرى غەرب ئەللىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى بېيجىڭغا جايلاشقان مەزكۇر شىركەتنى «زىغىر تەيفېڭ بورىنى» دەپ ئاتالغان خىتاينىڭ چوڭ خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىسى، دەپ ئەيىبلىگەنىدى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا: «خىتاينىڭ يامان غەرەزلىك خاككېرلىرى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئەڭ ئاكتىپ ۋە ئىزچىل داۋاملاشقان تەھدىت بولۇپ كەلمەكتە. ئۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمەت سىستېمىسىنى داۋاملىق نىشان قىلىپ كەلدى. بۇ ھۇجۇم يېقىندا يۈز بەرگەن مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېيىلگەن.

باياناتتا يەنە: «مالىيە مىنىستىرلىقى قىلچە ئىككىلەنمەستىن يامان غەرەزلىك خاككېرلار ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى قىلمىشىغا مەسئۇل بولۇشقا مەجبۇرلايدۇ. ئامېرىكا قولىدىكى بارلىق قوراللارنى ئىشلىتىپ بۇ تەھدىتلەرنى يېڭىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىز ھۆكۈمەت ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى تور مۇداپىئە ئىشلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمىز» دېيىلگەن.

فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىستوفىر ۋراي بۇلتۇر تور بىخەتەرلىك يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، يوڭشىنجىچېڭ شىركىتىنىڭ كۆرۈنۈشتە ئۇچۇر تېخنىكا شىركىتى قىياپىتىگە كىرىۋالغانلىقىنى، ئەمما ئۇچۇر توپلاپ، خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا تەمىنلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 676 قېتىم كۆرۈلدى
06/01/2025 16:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق