تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ 2025-يىللىق كېڭەيتىلگەن شۇرا يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ 2025-يىللىق 1-نۆۋەتلىك كېڭەيتىلگەن شۇرا يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

شۇرا يىغىنىغا ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ۋەكىللىرى، ئاكادېمىكلار، ئۆلىمالار ۋە جامائەت ئەربابلىرى بىۋاسىتە ياكى تور ئارقىلىق ئىشتىراك قىلدى. قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان شۇرا يىغىنىدا ئالدى بىلەن تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆز قىلدى.

ئۇ ئالدىنقى بىر يىلدا ئۇكرائىنا، غەززە ۋە سۇرىيەدىكى زور ۋەقەلەر ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى، خىتاينىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى كۈچىنى زورايتىش ئۇرۇنۇشلىرى ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئالدىنقى بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلەپ ئۆتتى. جۈملىدىن ھىندىستان ۋە مالايشىيادىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ئېچىلغان يېڭى سەھىپىلەر، مىللىي بىرلىك شۇراسىغا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ قاتنىشىپ مۇھىم سۆز قىلىشى، ياشلارنى تەربىيەلەش پىروگراممىلىرى، بىرلىك تەشكىللىگەن نامايىش ۋە پائالىيەتلەر، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ پۇقرالىق، ئىقامەت ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ھەققىدە كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىقلار ھەققىدە توختالدى.

تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي تور ئارقىلىق سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى ۋە تەشكىلاتلار بىرلىكى تاشقى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ خىزمەتلىرى ۋە رايون خاراكتېرلىك پىلانلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئارقىدىن تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئىچكى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى لوقمانجان مۇئەللىم ئالدىنقى بىر يىللىق خىزمەتلىرى ھەققىدە دوكلات بېرىپ، ئىچكى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان، تۈرلۈك جەھەتلەردىن قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يوقلاش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىش، مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش، ئىقامەت ۋە پۇقرالىق مەسىلىسى قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى بايان قىلدى.

ئارقىدىن تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئاياللار ۋە بالىلار خىزمىتى مەسئۇلى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم، مالىيە مەسئۇلى نىزامىدىن تەمكىنىي ۋە باش كاتىپ ئابدۇرېشىد ئەمىنھاجى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالدىنقى بىر يىللىق خىزمەتلەر ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات بەردى. ئارقىدىن كاتىبات ھەيئىتى ئەزالىرى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ 2025-يىللىق خىزمەت پىلانى ۋە نىشانىنى نۆۋەت بويىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە يېڭى پىلانىنى تونۇشتۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىدىن ئەزىزى ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى ھەققىدە مەخسۇس سۆز قىلىپ، ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ قۇرۇلۇش نىشانى، 16 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىپ ئۆتتى ۋە ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ۋە ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شۇرا يىغىنى ئاخىرىدا تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىلىرىدىن بۇرھان كاۋۇنجۇ، ئىلياس ساقا، سابىق پارلامېنت ئەزاسى پىروفېسسور، دوكتور جەلال ئەرباي، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ۋە باشقا يىغىن ئىشتىراكچىلىرى پىكىر-تەكلىپلىرىنى ۋە كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

بۇ خەۋەر 680 قېتىم كۆرۈلدى
06/01/2025 16:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق