خىتاي مەخسۇس فوند تەسىس قىلىپ ئاققۇنلارنى كۆپلەپ يەرلەشتۈرمەكتە

خىتاي ئاتالمىش «ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش» نامىدا ئون مىليارد يۈەنلىك ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى»نى تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇ فوند ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش سالمىقىنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 4-يانۋاردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي 2022-يىلى 10 مىليارد يۈەنلىك ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى» تەسىس قىلغان بولۇپ، 2024-يىلى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى» قۇرۇلغان. «بۇغدا كۆلى تالانتلىقلىرى»نى كىرگۈزۈش پىلانىدا خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈش تۈرىدىن ئۈچى يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان. بۇ دائىرىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن پېنسىيەگە چىققان بىر تۈركۈم خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرگەن.

2024-يىلى 20-نويابىر ئېچىلغان ئاتالمىش «شىنجاڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى»دا خىتاي ئەمەلدارلىرى: «مائارىپ، پەن-تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جىددىي ئېھتىياجلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان. بۇنىڭغا ماس قەدەمدە خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەر ۋە ئوبلاستلاردا تۈرلۈك ناملار بىلەن، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خىتاي ئاققۇنلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈش ھەرىكىتىنى ئالاھىدە تەشۋىق قىلغان.

يېقىنقى يىللاردا خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا يېزا-كەنتلەردىكى دېھقانلارنى ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن تېرىلغۇ يەرلىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇرلىغان. ئاندىن يەرلىرىدىن ئايرىلغان دېھقانلارنى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىشقا شارائىت ھازىرلىغان. ئارقىدىن ھەر خىل ناملار بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۆپلەپ يەرلەشتۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، سۈرگۈن قىلىش، قىرغىن قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى تولۇق يۇتۇۋېلىش، پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئالاھىدە يۇقىرى تەمىناتلار، تۈرلۈك ناملار بىلەن خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىش ھەرىكىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە داۋاملىق كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 703 قېتىم كۆرۈلدى
06/01/2025 16:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق