شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىرى ئىستانبۇلدا جەم بولدى

تۈركىيە ۋە تۈركىيە سىرتىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان 40 تىن ئارتۇق تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ۋەكىللىرى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەشكىلاتلار ئارا مۇناسىۋەت بۆلۈمىنىڭ ساھىبخانلىقىدا، 31-دېكابىر ئىستانبۇلدا جەم بولدى.

ئۇچرىشىش قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەشكىلاتلار ئارا مۇناسىۋەت بۆلۈمنىڭ مەسئۇلى ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزى سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن بېرى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى تېررور سىياسىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى سېپىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى يېتەرلىك ھەرىكەت ۋە قارشىلىق كۆرسىتەلمىگەنلىكىنى، بۇنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولسا ۋەتەن مۇستەقىللىقى ۋە ۋە خەلقنىڭ ھۆرلۈكىنى قولغا كەلتۈرۈش مەسىلىسىدە تەشكىلاتلارنىڭ مۇنتىزىم بىر ھەرىكەت پىلانىنىڭ بولماسلىقى ئىكەنلىكىنى، تەشكىلاتلارنىڭ ماسلىشىشچانلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلالمىغانلىقىنى، بەزى تەشكىلاتلار ئارىسىدا بىر قىسىم ئىختىلاپلارنىڭ داۋاملاشقانلىقىنى، بۇ ئەھۋاللار نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەشتىن توسۇپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىردا يەنە: «بۈگۈنكىدەك ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزئارا ئىختىلاپنى تۈگىتىپ، ئورتاق نىشان ئۈچۈن ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىش بىرلىكىمىز ۋە ئۆزئارا ئىتتىپاقلىقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈشتە تولىمۇ مۇھىم» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.

يىغىلىشتا باشقا تەشكىلات مەسئۇللىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى بايان قىلىشتى. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت، دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرىنىڭ ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئارقىدىن سۇرىيەدىكى دىكتاتور ئەسەد رېجىمنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدا ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ سۇرىيە خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ چوڭ غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن، شۇنداقلا سۇرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر قوماندانلارنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىدىن بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ غەلىبىنى ئالاھىدە تەبرىكلەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۇرغۇنلىغان خەلقلەرنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ياردەم قىلغانلىقىنى ۋە بۇ قېتىمقى نۆۋەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلۇشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى سەمىمىي ۋە دوستانە كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكەن بولۇپ، تەشكىلات مەسئۇللىرى ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق دەۋاسىنى قانداق قىلىپ غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى ۋە خەلقئارادىكى مۇھىم ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

ئاخىرىدا تەشكىلات مەسئۇللىرى بۇ ئۇچرىشىشنى داۋام قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، خىتايغا قارشى نامايىش قىلىش، ھېيت-بايرام، مىللىي مۇستەقىللىق كۈنلىرىنى بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشتى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1207 قېتىم كۆرۈلدى
03/01/2025 20:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق