ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قوشۇمچە تاموژنا بېجى سىياسىتى خىتايغا زور بېسىم چۈشۈرگەن بولسىمۇ، خىتاي ماللىرى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق بۇ سىياسەتتىن ئەگىپ ئۆتۈپ، ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنماقتىكەن.
نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 2-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، 2018-يىلى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ خىتايدا ئىشلەنگەن ۋېلىسىپىتلەرگە قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويغاندىن كېيىن، ۋېلىسىپىت ئىشلەپچىقارغۇچى كېنت خەلقئارا شىركىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئارنولد كاملېر بۇ ساھەدە غەلىتە يۈزلىنىشنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايقىغان. ۋېلىسىپىت زاۋۇتلىرى ئاخىرقى ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇراشتۇرۇش مەشغۇلاتىنى خىتايدىن يۆتكەپ، تەيۋەن، ۋىيېتنام، مالايشىيا، كامبودژا ۋە ھىندىستاندا يېڭى زاۋۇت قۇرغان. بۇ شىركەتلەر ئاساسلىقى خىتايدىن كەلگەن زاپچاسلارنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئىشلەپچىقارغان ۋېلىسىپىتلەرنى خىتايدىن بىۋاسىتە يۆتكىگەندە قويۇلىدىغان %25 تاموژنا بېجىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ، بىۋاسىتە ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلغان.
ئارنولد كاملېر بۇ ھەقتە: «بۇ تاموژنا بېجىنىڭ روشەن تەسىرى شۇكى، خىتاي شىركەتلىرى باشقا دۆلەتلەردە خىتاي زاۋۇتلىرىنى قۇرۇپ چىقتى» دېگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ زاۋۇتلارنى باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكەش مەسىلىسى شىركەت ۋە ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن تەننەرخنى تېخىمۇ ئاشۇرغان، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ياسىمىچىلىق مىقدارىنى كۆپەيتمىگەن.
تىرامپ چەت ئەل مەھسۇلاتلىرىدىن، خۇسۇسەن خىتاي ماللىرىدىن تېخىمۇ كۆپ تاموژنا بېجى ئېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاقسارايغا قايتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىقتىسادشۇناسلار ۋە شىركەت خوجايىنلىرى ئۇنىڭ تۇنجى تاموژنا بېجىنىڭ ئويلىمىغان ئاقىۋەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىشىغا قارشى تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، 2018-يىلدىن باشلاپ، تىرامپ خىتاينىڭ نەچچە يۈز مىليارد دوللار قىممىتىدىكى قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسى، كىرئالغۇ، مېتال ۋە باشقا مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويغان. ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى بۇ تەدبىرلەرنىڭ شىركەتلەرنى ئامېرىكىدا زاۋۇت قۇرۇشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
پىرېزىدېنت بايدېن بۇ تاموژنا بېجىنىڭ كۆپ قىسمىنى ساقلاپ قېلىشنى تاللىغان ۋە توكلۇق ئاپتوموبىل، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك مەھسۇلاتلاردىن ئېلىنىدىغان باجنى كۆپەيتكەن. نۇرغۇن كەسىپلەرگە نىسبەتەن، تاموژنا بېجى يەرشارى ياسىمىچىلىقىنىڭ قايتا تەشكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى كۈچەيتىش ياكى خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى ئازايتىشتا ھېچقانداق رولى بولمىغان. شىركەتلەر زاۋۇتلارنى ئاسىيا ياكى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئىش ھەققى ئەرزان دۆلەتلەرگە يۆتكىگەن. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئامېرىكىنىڭ بۇ دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىشى شىددەت بىلەن ئاشقان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ