فىلىپپىندا خىتاينىڭ ئادەمسىز سۇ ئاستى ئۈسكۈنىسى بايقالدى

فىلىپپىندا خىتاينىڭ ئادەمسىز سۇ ئاستى ئۈسكۈنىسى بايقالغان بولۇپ، فىلىپپىن ھەربىي قىسىملىرى ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە مەقسىتىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىلىپپىن ساقچىلىرى 2-يانۋار خىتاي تەرەپتىن كەلگەن، دەپ گۇمان قىلىنغان ئادەمسىز سۇ ئاستى ئۈسكۈنىسى يېقىندا فىلىپپىننىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تەۋەلىكىدە بايقالغان بولۇپ، ئۇنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە يوشۇرۇن خەۋپى بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلغان. نۆۋەتتە فىلىپپىن ھەربىي قىسمى سۇ ئاستى ئۈسكۈنىسىنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە مەقسىتىنى تەكشۈرمەكتىكەن.

ساقچىلارنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، ئۈچ بېلىقچى 30-دېكابىر ماسباتې ئۆلكىسىدىكى سان پاسكۇئال دېڭىز قىرغىقىدىن تەخمىنەن توققۇز كىلومېتىر يىراقلىقتا بېلىق تۇتۇۋاتقاندا مەزكۇر سۇ ئاستى ئۈسكۈنىسىنى بايقىغان بولۇپ، كېيىن ئۇنى ساقچىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «HY-119» بەلگىسى قويۇلغان سېرىق رەڭلىك سۇ ئاستى ئۈسكۈنىسى دېڭىزدا لەيلەپ تۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن ئىككى مېتىر كېلىدىكەن، تاشقى شەكلى تورپېداغا ئوخشاپ كېتىدىكەن.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، فىلىپپىن بىلەن خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدىكى دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئەتى ۋە ئارال، خادا تاشلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە تالاش-تارتىش قىلىپ كەلگەن بولۇپ، نۇرغۇن توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولغان. خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ھەممە پۈتۈن تەۋەلىكىدە دېگۈدەك ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى دەۋا قىلماقتا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى تەشەببۇسىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1209 قېتىم كۆرۈلدى
03/01/2025 19:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق