پىروفېسسور ئەركىن ئەمەت تۈرك مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقانلار قاتارىدا مۇكاپاتلاندى

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور، دوكتور ئەركىن ئەمەت بىر قاتار ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن، «تۈرك دۇنياسى ۋە تۈرك مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقانلار» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

ئەنقەرەگە جايلاشقان ئازافلى ئىجتىمائىي ياردەم ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، 27-دېكابىر «تۈرك دۇنياسى ۋە تۈرك مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقانلار»نى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پىروفېسسور، دوكتور ئەركىن ئەمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 35 شەخسكە مۇكاپات بېرىلگەن.

مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا پىرېزىدېنت باش مەسلىھەتچىسى يالچىن توپچى سۆز قىلىپ، تارىختىن بۇيان تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان مۇھىم شەخسلەرنى ئەسلەپ ئۆتكەن. مۇراسىم رىياسەتچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەركىن ئەمەتنىڭ تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار سەككىز كىتاب ۋە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى يازغانلىقىنى، مول ئىلمىي ئەمگەكلىرى سەۋەبلىك مەزكۇر مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭغا مۇكاپات تەقدىم قىلغان.

ئازافلى ئىجتىمائىي ياردەم ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى تۈرك دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان تەشكىلات بولۇپ، تۈرك دۇنياسىغا ۋە تۈرك مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان شەخسلەرنىڭ ئۇتۇقلىرىنى، تىرىشچانلىقلىرىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن مەزكۇر مۇكاپاتلاش يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغان.

بۇ خەۋەر 1048 قېتىم كۆرۈلدى
02/01/2025 15:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق