خىتايدا سودا خەۋپىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 12-ئايدىمۇ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي 31-دېكابىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، گەرچە خىتاينىڭ ياسىمىچىلىق كەسپى 12-ئايدا كېڭەيگەن بولسىمۇ، ئەمما ئېشىش سۈرئىتى داۋاملىق ئاستىلىغان. خىتاي رېجىمى يېقىندا ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بىراق نۆۋەتتىكى سودا خەۋپىنىڭ كۈچىيىشىنىڭ تەسىرىگە بەرداشلىق بېرىشى يەنىلا قىيىن ئىكەن.
سەيشەنبە كۈنى خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ۋە خىتاي ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى مۇلازىمەت كەسپىنى تەكشۈرۈش مەركىزى ئېلان قىلغان 12-ئايلىق PMI قىممىتى50.1% بولۇپ، گەرچە %50 لىك سىزىقتىن چۈشۈپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما نويابىر ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا 0.2 پىرسەنت پويىنت تۆۋەنلىگەن. بىلدۈرۈلۈشىچە، PMI قىممىتىنىڭ %50 تىن يۇقىرى بولۇشى ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى، %50 تىن تۆۋەن بولسا ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنىڭ ئازىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
ئۇندىن باشقا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۈركۈم خىتاي شىركەتلىرىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار قانۇنلارنى ئىجرا قىلىشىمۇ خىتاي ئىقتىسادىغا ۋە چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ