چاپچال ناھىيەسىدە يەر تەۋرىدى

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۈگۈن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 10:40 دە شەرقىي تۈركىستاننىڭ چاپچال ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 43.81 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 81.27 گىرادۇس) 4.2 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزى چوڭقۇرلۇقىنىڭ 20 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن يەنە خىتاينىڭ نىڭشيادا شۇ جاي ۋاقتى سائەت 01: 10 مىنۇت ئۆتكەندە (شىمالىي كەڭلىك 38.40 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 106.22 گىرادۇس) دە 4.8 بال يەر تەۋرىگەن

خىتاي ھازىرغىچە يەر تەۋرەش ئەھۋالى ھەققىدە باشقا تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 944 قېتىم كۆرۈلدى
02/01/2025 15:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق