خىتاي يەنە بىر ئۇيغۇر ئەمەلدارنى تەكشۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى «مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلدى» دېگەن باھانە بىلەن، خىتايغا جان پىدالىق بىلەن ئىشلەۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئەمەلدارنى جازالىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 31-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، تۇرپان شەھەرلىك ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى، دوختۇرخانا باشلىقى قورچاق ئەمەلدار ساتتار قۇرباننىڭ «بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش» دېگەن باھانە بىلەن قولغا ئېلىنغان.

خەۋەردە ساتتار قۇرباننىڭ 2013-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا، كۆپلىگەن باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكىتلىرى سوۋغا قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ھاراق-تاماكا، ئىستېمال كارتىسى قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغانلىقى، بۇنى پۇلغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 72 مىڭ 300 يۈەن بولىدىغانلىقى، ساتتار قۇرباندا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەر ساقلانغانلىقى، شۇ سەۋەبلىك پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلگەنلىكى، ئۇ بەھرىمەن بولىدىغان تەمىنات بەلگىلىمە بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا پۇقرالارغا ئىجرا قىلىپلا قالماي، خىتاي رېجىمى ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەمەلدارلارغىچە كېڭەيتكەن بولۇپ، تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە باستۇرماقتا. ئارقىدىن باشقا ساھەلەردە خىتايغا جان پىدالىق بىلەن ئىشلەۋاتقان قورچاق ئەمەلدارلارمۇ تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن كۆزدىن يوقىتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتاي ئاققۇنلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا. خۇسۇسەن بولۇپمۇ مائارىپ، نەشرىيات، ئاخبارات ساھەسى خىتاينىڭ ئەڭ ئېغىر زەربە نىشانىغا ئايلانغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىشكە ئەگىشىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرلۈك تۆھمەتلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىپ، جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولىغانلىقىنى، خىتايغا ھەمكارلىشىپ ئىشلەۋاتقان يەرلىك قورچاق ئەمەلدارلارنى بولسا «ئىككى يۈزلىمىچى»، «چىرىكلىك» دېگەندەك ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن جازالاپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، سانسىزلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئىز-دېرىكىنىڭ بولمىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 961 قېتىم كۆرۈلدى
02/01/2025 15:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق