غەززەدىكى ئۇرۇش جەريانىدا يارىلانغان 45 پەلەستىنلىك ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە داۋالىنىش ئۈچۈن يۆتكەلگەن.
بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 31-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، 45 نەپەر غەززەلىك بىمار ۋە يارىدارنىڭ داۋالىنىش ئۈچۈن كېرەم شالوم ئېغىزىدىن ئۆتۈپ ئىسرائىلىيەگە كىرگەن، ئارقىدىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قاراپ يولغا چىققان. مەزكۇر تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتى سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە باشلانغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، بىمارلارنىڭ بىر قىسمىدا بۆرەك زەئىپلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئون ياشلىق بالىمۇ بار ئىكەن. ئەمما ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى سەۋەبىدىن مەزكۇر بالىنىڭ ئاپىسىنىڭ ھەمراھ بولۇشىغا يول قويۇلمىغان. نۆۋەتتە غەززەدىكى مىڭلىغان پەلەستىنلىك چەت ئەلدە داۋالىنىشنى تەلەپ قىلماقتىكەن.
سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززەدىكى بارلىق كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرىنى تاقىۋالغان بولۇپ، رايوننىڭ سەھىيە سىستېمىسى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشقان ھەمدە پالەچ ھالغا كېلىپ قالغان.
ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك غەززەدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ «ئۆلۈم تۇزىقى»غا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى تەكىتلەپ: «غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان بومباردىمانلار ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك شارائىتىنىڭ ئاپەت خاراكتېرلىك دەرىجىدە يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبلىك، پەلەستىنلىكلەر ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلىشقا تېگىشلىك بىردىنبىر پاناھلىنىش ئورنى بولغان دوختۇرخانىلار ئۆلۈم تۇزىقىغا ئايلاندى. ئۇرۇش مەزگىلىدە دوختۇرخانىلارنى قوغداش ئىنتايىن مۇھىم. ھەر قايسى تەرەپلەر بۇ قائىدىگە چوقۇم ھۆرمەت قىلىشى كېرەك» دېگەن.
خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىمۇ غەززەنىڭ شىمالىدىكى سەھىيە سىستېمىسىنىڭ توقۇنۇش سەۋەبلىك ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ۋە دوختۇرخانىلارنىڭ پۈتۈنلەي پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇمى ئاساسلىقى غەززەنىڭ شىمالىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ھاماسنىڭ قايتا تەشكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسەت قىلىنغانلىقى دەۋا قىلىنغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ