ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۇزۇن مۇددەت گۈەنتانامودا قامالغان تۇتقۇنلارنى تۇنىسقا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
ئەلجەزىرە تورىنىڭ 31-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 2002-يىلى گۈەنتانامو قولتۇقى ئېچىلغاندىن بۇيان ئەيىبلەنمىگەن ھالدا ئىزچىل تۇتۇپ تۇرۇلغان تۇنىسلىق رىداھ بىن سالىھ ئەل يەزىدىنى ئۆز دۆلىتى تۇنىسقا قايتۇرۇپ بەرگەن. ئۇنىڭ تۇنىسقا يۆتكىلىش مەسىلىسى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى ھەپتە ئىچىدە تۆتىنچى قېتىم تۇتقۇنلارنى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇش بولۇپ، بۇ خىل ۋاسىتە بىلەن گۈەنتانامودىكى مەھبۇسلارنىڭ سانىنى ئازايتىش مەقسەت قىلىنغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بايدېن 2020-يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان مەزگىلدە گۈەنتانامودا قامالغان مەھبۇسلار 40 نەپەر ئىكەن. رىداھ بىن سالىھ ئەل يەزىدى بازا تەشكىلاتى گۇماندارى بولۇپ، 2001-يىلى 12-ئايدا ئافغانىستانغا يېقىن جايدا ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. رىداھ بىن سالىھ ئەل يەزىدى گەرچە ئون نەچچە يىل ئىلگىرى نۇنىسقا يۆتكىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتە تۇنىس بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم ئەمدى ئىشقا ئاشقان.
نۆۋەتتە گۈەنتانامودا 26 مەھبۇس بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 14 مەھبۇس ئۆز دۆلىتىگە يۆتكىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان. گۈەنتانامو تۈرمىسى يېقىنقى يىللاردىن بېرى خەلقئارا بويىچە قاتتىق تالاش-تارتىش قوزغىغان تۈرمە بولۇپ، مەھبۇسلارنى خورلاشتا نامى چىققان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ