خىتاي يېڭى ھۇجۇمچى پاراخوتىنى سۇغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

خىتاي يېڭىدىن ياساپ چىققان ھۇجۇمچى پاراخوت ۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 31-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىندا خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىنلا، تىك ئۇچار قونۇپ ئۇچالايدىغان يېڭى تىپتىكى قوش ئىقتىدارلىق ھۇجۇمچى پاراخوتنى سۇغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى ئالدىنقى جۈمە خىتاينىڭ تۇنجى «076» تىپلىق قوش ئىقتىدارلىق «سىچۈەن» ناملىق ھۇجۇمچى پاراخوتىنى سۇغا چۈشۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ پاراخوت يەكشەنبە كۈنى شاڭخەي پورتىدىن ئايرىلغان.

سىچۈەن ناملىق پاراخوتىغا ئېتىش سىستېمىسى ئورنىتىلغاندىن باشقا، يەنە ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ قونالايدىكەن. خىتاينىڭ ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى مەزكۇر پاراخوتنىڭ سۇ چىقىرىش ئىقتىدارنىڭ كۈچلۈك، زەربە بېرىش مۇساپىسى يىراق، جەڭ قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئىزچىل تۈردە دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇققا چېگرالىنىدىغان قوشنا دۆلەتلەرگە قورال-ياراغلىرىنى كۆز-كۆز قىلىش ئارقىلىق تەھدىت سالغاندىن باشقا، رايوندىكى زېمىن دەۋاسى نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ساراسىمىگە سالماقتىكەن.

يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ دېڭىز رايونىدىكى زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، بۇلتۇر 12-ئايدا فىلىپپىننىڭ بىر قانچە پاراخوتى سىكاربورو ئارىلى ۋە ئىككىنچى توماس ئارىلىغا نەرسە-كېرەك يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقاندا، خىتاي پاراخوتىنىڭ سۇ زەمبىرىكى ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا فىلىپپىن ھۆكۈمىتى خىتاي باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1252 قېتىم كۆرۈلدى
01/01/2025 14:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق