سۇرىيەدە بەششار ئەسەد رېجىمى يىقىتىلغاندىن كېيىن، يېڭى ھاكىمىيەت سېپىدە ئۇيغۇر قومانداننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ۋەزىپىگە قويۇلۇشى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان ۋە خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭ 31-دېكابىر رويتېرس ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى خىتاي تەرىپىدىن قانۇن بويىچە بېكىتىلگەن ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تېررورلۇق تەشكىلاتى. خەلقئارا جەمئىيەت شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق خاراكتېرىنى تولۇق تونۇپ يېتىشى ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي زەربە بېرىشى كېرەك» دەپ بىلجىرلىدى.
ھەيئەتۇ تەھرىرۇششام سۇرىيەنىڭ ھاكىمىيىتىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، بىرلىكتە جەڭ قىلغان چەت ئەللىك گۇرۇپپىلارنى سۇرىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر قىسمى دەپ ئېلان قىلغانىدى. بۇنىڭ قاتارىدا تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى شام شۆبىسىنىڭ ھەربىي قوماندانى ئابدۇلئەزىز داۋۇتنىڭ سۇرىيە 133-دىۋىزىيەسى گېنېراللىقىغا تەيىنلىنىشى خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا كۆپلەپ خەۋەر قىلىنغانىدى.