خىتاي خوتەن ۋىلايىتىدە يېڭىدىن ئىككى ناھىيە تەسىس قىلدى

خىتاي خوتەن ۋىلايىتىدە يېڭىدىن ئىككى ناھىيە تەسىس قىلغان بولۇپ، ھەر ئىككىلىسىگە خىتايچە نام بېرىلگەن.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ ئورگان تورىدا 27-ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، خوتەن ۋىلايىتىدە ئىككى ناھىيە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى ۋە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەرىپىدىن تەستىقلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

قەيت قىلىنىشىچە، «خېئەن ناھىيەسى» ۋە «خېكاڭ ناھىيەسى» دەپ خىتايچە نام بېرىلىپ، يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئىككى ناھىيە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىكەن. ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشتا خېئەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ خوتەن ناھىيەسىدىكى يۇلغۇن بازىرىغا، خېكاڭ ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ بولسا گۇما ناھىيەسىدىكى شەيدۇللاھ بازىرىغا جايلىشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن تارتىپ، ھەرقايسى ناھىيە-ۋىلايەتلەردە مەمۇرىي رايونلارنىڭ نامىنى ۋە تەۋەلىكىنى قالايمىقان ئۆزگەرتىش، خىتايچىلاشتۇرۇش، كۆپەيتىش ياكى قىسقارتىش قاتارلىق قىلمىشلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتىنى پەردازلاش، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش، كونتروللۇق ۋە نازارەتنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەقسەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 1668 قېتىم كۆرۈلدى
31/12/2024 16:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق