ئالدىنقى ھەپتە ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى «سۆز ۋە قەلەم» ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان «شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدىكى يىغىننىڭ ئۇنىۋېرسىتېت مەسئۇللىرى تەرىپىدىن تۇيۇقسىز ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى ۋە نامايىش ئۆتكۈزدى.
«سۆز ۋە قەلەم» ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ئۇيۇشما ئورۇنلاشتۇرغان «شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدىكى يىغىن مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇللاھ ئوغۇز ئەپەندىنىڭ تەكلىپلىك قاتنىشىشى بىلەن 25-دېكابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئېلانى تارقىتىلغان. ئەمما شۇ كۈنى يىغىن باشلىنىشقا 15 مىنۇت قالغاندا مەكتەپ مۇدىرىيىتى تەرىپىدىن سەۋەبسىزلا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
بۇ كۈتۈلمىگەن قارار «سۆز ۋە قەلەم» ئۇيۇشمىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە دەرھال نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلغان. باياناتتا مەكتەپ مۇدىرىيىتىنىڭ يىغىلىشنى سەۋەبسىز ئەمەلدىن قالدۇرۇشى قاتتىق ئەيىبلەنگەن ھەمدە ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يىغىنغا بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى تەييارلىق قىلغانلىقى، بۇ ھەقتە ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىرىنىڭ رەسمىي رۇخسىتىنى ئالغانلىقى، ئەمما يىغىننىڭ بارلىق تەييارلىقى پۈتۈپ، باشلىنىشقا ئاز قالغاندا، مەكتەپ مۇدىرىيىتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزۈلىدىغان زالنىڭ چىرىغى ئۆچۈرۈۋېتىلگەنلىكى، يۈزلىگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئامانلىق قوغدىغۇچىلار تەرىپىدىن يىغىن زالىدىن مەجبۇرىي چىقىرىۋېتىلگەنلىكى بايان قىلىنغان.
باياناتتا يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىكىنىڭ قارارىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى، ئۆزلىرىنىڭ ھەر دائىم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى قوللايدىغانلىقى، يېنىدا تۇرىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنى قوللاش سەۋەبلىك دۇچ كەلگەن بېسىمنىڭ ئۆزلىرىنى قورقۇتالمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى يەنە 28-دېكابىر ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان تېمىسىدىكى يىغىننى سەۋەبسىز ئەمەلدىن قالدۇرۇش قىلمىشىغا قارشى مەكتەپ قورۇسىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. نامايىشقا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار «شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي رېجىمىغا قارشىمىز» دېگەن شوئار يېزىلغان پىلاكاتنى كۆتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاننى، ئۇيغۇرلارنى قوللاش مەزمۇنىدىكى شوئارلارنى توۋلاشقان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ